قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ئۆتەڭ تۇيۇق كەنتى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى
18:33:42 2024-10-23
شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى
جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق كەنتى بولغان پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق كەنتى مىڭ نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ئۆتەڭ، شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۇچراشقان جاي. كەنتتىكى 20 نەچچە جايدا قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە ئاسار- ئەتىقە بار، پىچان ناھىيەسى قەدىمىي كەنتنى قوغداش بىلەن سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي كەنتنىڭ قەدىمىيلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر:
孜呼玛尔·阿不都卡德