يېرىم باھا! ھەقسىز! شىنجاڭدىكى بۇ مەنزىرە رايونلىرى سىزنى كۈتمەكتە
15:30:46 2024-10-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېقىندا

شىنجاڭدىكى قىسمەن مەنزىرە رايونلىرى

مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتىنىڭ يېرىم باھاغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى

ھەتتا ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسىز

يولغا چىقىڭ

图片

2024- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن  2025- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە

قاراجون مەنزىرە رايونىدا

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشتا

كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2025- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، يەتتە كىشىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن كىچىك ئاپتوموبىللارنى قاراجون يايلىقىغا ئۆزى ھەيدەپ كىرسە، كىرىش بېلىتى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش مۇلازىمىتى ھەققى كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت قوش ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 7765111- 0999

 قۇتقۇزۇش- ياردەم سوراش تېلېفونى: 7765111- 0999   17509997575

图片

2024- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 2025- يىلى 4 - ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە

قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزار مەنزىرە رايونىدا

كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، قابا ناھىيەسى خۇاچېڭ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ باشقۇرغۇچى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا مۇنداق ئېلان چىقاردى: كەڭ ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزار مەنزىرە رايونىدا قىشلىق كىرىش بېلىتى ئالماسلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ. كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ.

 ئېلاندا مۇنداق دېيىلدى: تور تىياتىرى «مېنىڭ ئالتايىم»نىڭ قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ تىياتىرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئېلىنغان «سەيخۇڭبۇلاق» (قابا ناھىيەسى چىبار بازىرى جىلىن يېڭى كەنتىدىكى بىر مەنزىرە نۇقتىسى)نىڭ نامى ھەممە يەرگە تارالدى، شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، «سەيخۇڭبۇلاق» يوقلىمىدىن ئۆتۈش مەنزىرە نۇقتىسى 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە مۇلازىمەتنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، «جاڭ فېڭشيا دۇكىنى» نورمال تىجارەت قىلىدۇ.

 ئەگەر ھەرقانداق سوئالىڭىز بولسا ياكى ياردەم سورىماقچى بولسىڭىز، خالىغان ۋاقىتتا مەنزىرە رايونى مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفون بەرسىڭىز بولىدۇ: 7567002- 0906

图片

2024- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 2025 - يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا

كىرىش بېلىتى يېرىم باھادا ئېلىنىدۇ

 10- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا قىشلىق ساياھەت توغرىسىدا مۇنداق ئېلان چىقىرىلدى: سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 2025- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە قىشلىق ساياھەت تىجارەت مەزگىلىگە كىرىدۇ.

 ئېلاندا مۇنداق دېيىلدى: قىشلىق ساياھەت تىجارەت مەزگىلىدە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى بارلىق ساياھەتچىلەرگە قارىتا قىشلىق كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى (كىرىش بېلىتى ھەر بىر ئادەم 35 يۈەن)، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمىتى ھەققى ھەر بىر ئادەم 75 يۈەن، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 48 سائەت، ساياھەتچىلەر 48 سائەت ئىچىدە بېلەت بىلەن مەنزىرە رايونىغا كىرىپ- چىقسا بولىدۇ.

 ساياھەتچىلەر «سايرام كۆلى ساياھىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا ئەگىشىۋېلىپ، توردا ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋالسا ياكى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئادەملىك كۆزنىكىدىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.

 ئېلاندا مۇنداق دېيىلدى: ساياھەتچىلەر سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە قاتناش ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا بالدۇرراق دىققەت قىلىشى كېرەك، ناچار ھاۋارايى ۋە تەبىئىي ئاپەتكە يولۇققاندا، مەنزىرە رايونى يولنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ. قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، سوغۇقتىن ساقلىنىپ، ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، توڭلاشتىن، تېيىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. قىش پەسلىدە ئۆي مەنبەسى چەكلىك، شۇڭا ساياھەتچىلەر بالدۇرراق زاكاز قىلىپ، مۇساپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

 ساياھەت مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى:

 400-0909-188        0909-7659990

图片

2024- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2025-يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە

نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدا

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يېرىم باھا 

 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا مۇنداق ئېلان بېرىلدى: 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2025- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش يېرىم باھا، ئېتىبار بېرىلگەندىن كېيىن كىرىش بېلىتىگە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كىرىش بېلىتىنى قوشقاندا پەقەت 100 يۈەن (ئەسلىي باھاسى 200 يۈەن) بولىدۇ.

 شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى شىنجاڭدىكى بىر قەدەر يېتىلگەن، كونا 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، ئەسلىھەلىرى، مەنزىرىسى ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك، ئائىلە ساياھىتىدىكى ئالدىنقى تاللاش بولالايدۇ.

 ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلارغا مۇنۇلار ئەسكەرتىلدى: ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ باغچىغا كىرىشنى پىلانلىغان بارلىق ساياھەتچى (شوپۇر ۋە ئاپتوموبىل ئىچىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ، بۇ ھەقىقىي نامىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە سالاھىيىتىنى دەلىللەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شوپۇرلۇق ئىستاژى ئۈچ يىلغا توشقان بولۇشى كېرەك. يەتتە كىشىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن كىچىك ئاپتوموبىللار (SUV، سودا ئاپتوموبىلى، پىكاپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئۆي ئاپتوموبىل) بىلەن چەكلىنىدۇ. سۆرىلىدىغان ۋە يەتتە مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن ئۆي ئاپتوموبىللىرى بېجىرىشكە بولمايدۇ.

2024- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ

چىڭگېدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا

كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

 چىڭگېدا كۆلى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋېيشىن نومۇرىدا مۇنداق ئېلان بېرىلدى: ۋۇجياچۈ شەھىرى چىڭگىداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا 10- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ بارلىق ساياھەتچىگە كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىش، ھەقسىز باغچىغا كىرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. مەنزىرە رايونى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئېچىلىپ، سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تاقىلىدۇ.

 چىڭگىدا كۆلى ساياھەت ئىستىراھەت رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، «گۈلنى ۋاسىتە قىلىش، گۈل بىلەن دوست تېپىش، گۈل بىلەن ئىناۋەت تېپىش» باش تېما قىلىنغان ئۈچ گۈل، بىر قۇش ساياھەت ماركىسىنى ياراتتى، ئەتىيازدا كۈركۈم گۈلى بايرىمى، يازدا نېلۇپەر بايرىمى، كۈزدە قۇشلارنى تاماشا قىلىش بايرىمى، قىشتا قار- مۇز تەنتەربىيە ساياھەت بايرىمى بار. بۇ يىل 8- ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى بولۇپ ۋىۋىسكا ئېسىلدى.

2024- يىلى 9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە

شايار ناھىيە تەۋەسىدىكى  3A دەرىجىلىك يەتتە ساياھەت مەنزىرە رايونىغا

كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

 تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرى ساياھەت مەنزىرە رايونى (ئىپتىدائىي توغراقلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى مەنزىرە رايونى) ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 2024- يىللىق «توغراققا مەدھىيە» كۈز پەسىللىك مەدەنىيەت ساياھىتى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئاساسلىق ئۆتكۈزىدىغان جايلارنىڭ بىرى. توغراق مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى مەزگىلىدە (9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە) شايار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى 3A دەرىجىلىك يەتتە ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ئىشىك بېلىتى ئالماسلىق ئېتىبارى يولغا قويۇلدى. بۇ يىل توغراقنىڭ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 10 كۈن ئەتراپىدا ئالدىغا سۈرۈلدى، ھازىر مەنزىرە رايونىدا يېرىمدىن كۆپرەك توغراق سارغىيىپ كەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى بولىدىكەن، ھازىر مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى كۈنىگە 1000 ئادەم (قېتىم) ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن سەل ئاشقان.

سىز يەنە قايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ  

ئەڭ يېڭى ئېتىبار بېرىش ئۇچۇرلىرىنى بىلىسىز

تەڭ بەھرىمەن بولۇپ

شىنجاڭدا بىللە سەيلە قىلىپ ئوينايلى  

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125