ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار چىن پېڭ، لى شيۇڭشىن) 10- ئاينىڭ 19- كۈنى سەھەردە، قار- يامغۇردىن كېيىنكى ئۈرۈمچى باشقىچە گۈزەل كۈز مىلودىيەسىنى نامايان قىلدى. شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋغا كىرسىڭىز، قالدۇق قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ دەرەخ غولى، ئوتلاقتا ھاسىل قىلغان ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى كۆرۈپ ھاياجانىڭىزنى باسالماي قالىسىز.
10- ئاينىڭ 19- كۈنى، قاردىن كېيىنكى ئۈرۈمچى شەھىرى شىرېنزىگوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
10- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتوموبىللار ئۈرۈمچى شەھىرى خۇارۇي كوچىسىدىن شىرېنزىگوۋغا بارىدىغان يولدا كېتىۋاتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
10- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىرېنزىگوۋنىڭ قاردىن كېيىنكى مەنزىرىسى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
10- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىرېنزىگوۋدا، يول بويىدىكى ئوت- چۆپلەرنىڭ شاخ- يوپۇرماقلىرى نېپىز مۇز بىلەن ئورالغان ئىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قېتىملىق ھۆل- يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، ئاساسىي شەھەر رايونى سىم- سىم يامغۇر بىلەن يۇيۇلغاندا، نەنسەن مەنزىرە رايونىدا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. «بەك گۈزەل ئىكەن! ھەممە جاي ئاق لىباسقا پۈركىنىپتۇ، ئۆزۈمنى خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم». گۇاڭشىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ يۈ سۈرەتكە تارتقاچ شۇنداق دېدى.
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگوۋ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىدە ئاتلىق قار مەنزىرىسى تاماشا قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، ساياھەتچىلەر نەنسەن مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ يوقلىمىدىن ئۆتمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگوۋ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىدىكى تاغ باغرىدا، ئاتلار قارلىق دالىدا ئوتلىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى مياۋئېرگوۋ مەنزىرە رايونىنىڭ قار مەنزىرىسى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى