يېڭىسار ناھىيەسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاس كىچىك بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى
12:36:17 2024-10-25 قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسى خاس ساياھەت، مەدەنىيەت كۈچلۈك ناھىيەسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ساياھەت پۈتۈن كەسپى بويىچە بەرپا قىلىشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاس كىچىك بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن ناھىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.

 يېڭىسار ناھىيەسىدىكى نەنخۇ ساياھەت ئىستىراھەت رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاس كىچىك بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار ئۆي سىرتىدا قىلىنىدىغان قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

 يېڭىسار ناھىيەسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاس كىچىك بازىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنىڭ مەسئۇلى يۈەن لېي مۇنداق دېدى: «تۈردە ئىش باشلانغاندىن بۇيان، مەنزىرە شەكلى چىقىرىش ئاساسىي خىزمىتىنىڭ %90ى تاماملاندى، ھازىر يانداش ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە سىرلاش خىزمىتىلا قالدى، تەخمىنەن 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە، مەنزىرە شەكىللىرىنى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا توشۇپ قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ».

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈرگە 7 مىليون 30 مىڭ يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى 56 مىللەت خاس ئۆرپ- ئادىتىنى ھېس قىلىش بازىسى، ئۆي ئىچى- سىرتى ئەينەن سۈرەت تارتىش بازىسى، قىياغا يامىشىش تېمى، ئېگىز بوشلۇق ئىلەڭگۈچى قاتارلىق دالا كوللېكتىپ پائالىيەت بازىسى ھەمدە ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش- كۆڭۈل ئېچىش بازىسى، ساندۇقلۇق ھەمتۈرتكە بولۇش- كۆڭۈل ئېچىش بازىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلىدىكەن.

 بۇ ناھىيە مەۋقەنى مول ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تۈر ئېچىشنى مۇھىم نۇقتا، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت مۇھىم ئامىللارنى سەپلەشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى سىجىل پۇختىلايدۇ.

 بۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئامىنە نامەت مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونى تۈر ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى پۈتۈن ناھىيەنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ قاتارلىق تۈرلۈك ھېس قىلىش تۈرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە يېڭىسارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرۇپ، يېڭىسار ساياھەت داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدۇ». (ئىختىيارىي مۇخبىر قاۋۇلجان خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125