سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئەجدىھا- شىر ئويۇنىدىن كۆرۈنۈش.
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، «ئەجدىھا كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، شىرلار ئۇسسۇلغا چۈشۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدا جۇلالىنىش . گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» 2024- يىللىق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەجدىھا- شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى پەيزاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرى ۋە 3- شى تۇمشۇق شەھىرىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كەلگەن 50تىن ئارتۇق ئەترەت چېمپىيونلۇقنى تالىشىش بويىچە كەسكىن مۇسابىقىلىشىپ، جەنۇبنىڭ ئەنئەنىۋى شىر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەقدىم قىلىپ، گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇش، ئۇچرىشىش ئۇچقۇنى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
پائالىيەتتە ياشلار- ئۆسمۈرلەر جەنۇبنىڭ ئەنئەنىۋى شىر ئۇسسۇلى تۈرى، جەنۇبنىڭ ئەنئەنىۋى شىر ئۇسسۇلىنى ئاشكارا تاللاش گۇرۇپپىسى تۈرى قاتارلىق كۆپ خىل مۇسابىقە تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان. مۇسابىقە خەلقئارا ئەجدىھا- شىر تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسى ۋە جۇڭگو ئەجدىھا- شىر تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.
كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، كونىشەھەر ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ، پەيزاۋات ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ، پەيزاۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا «ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ جەنۇبنىڭ ئەنئەنىۋى شىر ئۇسسۇلى يۈرۈشلۈك ھەرىكىتىنى ئۆزى تاللاش گۇرۇپپىسى» مۇسابىقە تۈرىدە ئوتتۇرا ياش- ياشلار A گۇرۇپپىسى، ياشلار B گۇرۇپپىسى، ئۆسمۈرلەر A گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ھەرقايسى ياش باسقۇچى گۇرۇپپىلىرى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى؛ پەيزاۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ يەنە «جەنۇبنىڭ ئەنئەنىۋى شىر ئۇسسۇلىنى ئاشكارا تاللاش گۇرۇپپىسى» مۇسابىقە تۈرىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. مۇسابىقىدە ھەرقايسى كوماندىلاردىن يەنە «ئەڭ ياخشى تەشكىللەش مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى داقا- دۇمباق مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى قەدەم شەكلى، قەدەم ئۇسۇلى مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى قىياپەت مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى قىيىنلىق دەرىجىسى مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى جان تىكىپ ئېلىشىش روھى مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى كىيىم- كېچەك مۇكاپاتى»، «ئەڭ يۇقىرى ئالقىشلىنىش مۇكاپاتى»، «ئەڭ ياخشى تەييارلاش مۇكاپاتى» باھالاپ چىقىلدى.
بۇ قېتىمقى ئەجدىھا- شىر ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى گۇاڭدۇڭ- قەشقەر ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقە ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئەجدىھا- شىر ئۇسسۇلى تەنھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى جاي كىشىلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇستەھكەملەندى. (مۇخبىرلار لېي مۇگو، ۋاڭ شياۋسۈي خەۋىرى، فوتوسى)