توغراقلىقنى تاماشا قىلىش پەسلىدە سۈرەتكە قانداق تارتقاندا ئەڭ ياخشى چىقىدۇ؟ كېلىپ ئەڭ ياخشى مىساللارنى كۆرەيلى
16:30:52 2024-10-25 تىيانشان تورى

لوپنۇر كۆلى قۇملۇقىدىكى توغراقلارنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى گۈزەللىكى. ياڭ كۇن فوتوسى

 ھەر يىلى كەچ كۈزدە شىنجاڭدىكى توغراقلىقلار خۇددى ئالتۇن رەڭلىك دېڭىزغا ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى توغراقلىق.  ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 مەيلى يېڭى فوتوگرافلار بولسۇن ياكى نوپۇزلۇق فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى بولسۇن، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بۇنداق مەنزىرىنى كۆرگەندە ھەمىشە ئىختىيارسىز فوتو ئاپپاراتىنى ئېلىپ سۈرەتكە تارتىدۇ.

تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ لوپنۇر بۆلىكىدىكى توغراقلىق مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 قانداق تارتقاندا ئاندىن توغراقلىق سۈرىتىنى تارتىش تالانتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ؟

 بۈگۈن بىز بىرلىكتە فوتوگرافلارنىڭ توغراقلىقنى قانداق سۈرەتكە تارتقانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ كۈز مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 
 توغراق

 ئۇ شورغا، قۇم، بورانغا چىداملىق غوللۇق دەرەخ

 ئۇ ئاساسلىقى شىنجاڭ، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىكى چۆللۈك دەريا ۋادىلىرىدا ئۆسىدۇ

 ئەزەلدىن «قۇملۇقتىكى قەھرىمان دەرەخ» دەپ ئاتىلىدىغان توغراقنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك

 «مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەيدۇ، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ

شايار ناھىيەسى يۆلياڭۋەن مەنزىرە رايونىدىكى توغراقلىق مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ليۇ يۈجۇ فوتوسى

 ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىش پەسلى

 ھەر يىلى 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئاخىرلىرىدىن 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە، توغراقلىقنى سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، توغراق يوپۇرماقلىرى كۆكۈچ يېشىل رەڭدىن تەدرىجىي ئالتۇن رەڭگە ئۆزگىرىپ، پۈتكۈل ئورمانلىق ئالتۇن رەڭلىك دېڭىزغا ئايلىنىدۇ.

چەرچەن ناھىيەسى شياڭياڭ كۆلى ئەتراپىدىكى توغراقلىق. تاھىر قۇربان فوتوسى

 ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىش ۋاقتى

 سەھەر ۋە كەچقۇرۇندىكى كۈن نۇرى چۈشكەن ۋاقىت توغراقلىقنى سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى.

 بۇ ئىككى مەزگىلدىكى نۇر بىر قەدەر يېقىملىق بولۇپ، توغراق يوپۇرمىقىنىڭ ئالتۇن رەڭگىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتلاملىرى ئېنىق بولغان نۇر ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 سەھەردىكى سۇس تۇمان ۋە شەبنەم ئاجايىپ خىيالىي تۇيغۇغا باشلايدۇ، كەچكى شەپەق پۈتۈن توغراقلىقنى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدۈرۈپ، كەيپىياتنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.

ئارا تۆرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلىق مەنزىرىسى. جاۋ دېسۈن فوتوسى

 تۆۋەن نۇقتا ۋە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا ئارقىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرۇش

 توغراقلىقنى سۈرەتكە تارتقاندا، تۆۋەن نۇقتا ۋە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا ئىككى چوڭ «ئۆتكۈر قورال».

 تۆۋەن نۇقتىدىن سۈرەتكە تارتىش توغراقلىقنى تېخىمۇ ئېگىز، تىك كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈشتىكى كۈچ تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

 بولۇپمۇ، ئالتۇن رەڭلىك دەرەخ ئۇچىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا سۈرەتكە تارتقاندا،قۇياش نۇرى يوپۇرماقلار ئارىسىدىن چېچىلىپ چۈشۈپ، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە كۆرۈرمەنلەرنى تەبىئەت قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ.

 كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا پۈتۈن توغراقلىقنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى مۇكەممەل نامايان قىلالايدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا (مەسىلەن، 16 مىللىمېتىر ياكى تېخىمۇ كەڭ كۆرۈش بۇلۇڭى) ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يەر يۈزى، ئاسمان ۋە توغراقلارنى سۈرەتكە تارتىش دائىرىسىگە ئېلىپ، ئادەمگە بىر خىل كەڭ، زىلزىلىگە سالىدىغان كۆرۈش سېزىمى ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ.

ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلىق. ساڭ شياۋچى فوتوسى

ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلىق مەنزىرىسى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

 تەتۈر نۇردا سۈرەتكە ئېلىپ توغراقلىقنى «نۇر» چاچقۇزۇش

 توغراق يوپۇرمىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى نېپىز ھەم يېرىم سۈزۈك بولۇپ، قۇياش نۇرىدا ئىنتايىن پارقىرايدۇ. تەتۈر نۇردىن پايدىلىنىپ سۈرەتكە تارتقاندا، قۇياش نۇرى دەرەخ يوپۇرماقلىرىدىن ئۆتۈپ، يوپۇرماققا بىر قەۋەت ئالتۇن جىيەك تۇتۇلغاندەك كۆرۈنىدۇ، پۈتۈن كۆرۈنۈشتە بىر خىل پارقىرىۋاتقان ئۈنۈمبولىدۇ.

 تەتۈر نۇردا سۈرەتكە تارتىش ماھارىتى: چۈشتىن كېيىن سائەت 5لەر ئەتراپىدىكى نۇرنى تاللاپ، بىر تۈپ يوپۇرماقلىرى قويۇقتوغراقنى تېپىپ چىقىش كېرەك، قۇياش نۇرى دەرەخنىڭ ئارقىسىدىن چۈشكەندە، يوپۇرماقلاردىن نۇر ئۆتۈۋاتقان پەيتتە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان پارقىراقلىق ئەكس ئېتىدۇ. نۇرنىڭ بەك كۈچلۈك بولۇپ كېتىشىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىپ، ئارقا كۆرۈنۈشنى سەل غۇۋالاشتۇرۇپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان يوپۇرماقلارنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ لوپنۇر بۆلىكىدىكى توغراق مەنزىرىسى.  ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 ئالاھىدە كۆرۈنۈشلۈك كۆرۈنۈشتە توغراقنىڭ ئۆزگىچە سىزىقچىلىرىنى تۇتۇش

 چوڭ كۆرۈنۈشتىكى ھەيۋەتلىك كۆرۈش بۇلۇڭىدىن باشقا، توغراقنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىمۇ ئوخشاشلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، ئۇنىڭ دەرەخ قوۋزىقى يىرىك سىزىقچىلار بىلەن تولغان، ئەگرى- بۈگرى شاخلىرى خۇددى ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ، يوپۇرماقلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل − بۇلارنىڭ ھەممىسى قالتىس سۈرەتكە تارتىش خام ماتېرىيالى بولالايدۇ. ئالاھىدە كۆرۈنۈشلۈك كامېرا ئارقىلىق، بۇ ئىنچىكە ھالقىلارنى تۇتقاندا، توغراقنىڭ قەيسەر ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە كۆرۈرمەنلەرگە تەبىئەتتىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ۋە كۈچ- قۇۋۋەتنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

 ماھارەت: مىكرو ئارىلىق كامېراسى ياكى 50 مىللىمېتىرلىق فوكۇس مۇقىملاشتۇرۇش كامېراسى ئارقىلىق، دەرەخ غولىغا يېقىن تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىش ياكى تۆكۈلۈپ چۈشكەن يوپۇرماقلارنى سۈرەتكە تارتىش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان يورۇقلۇق بۇلۇڭىنى تاللاپ، دەرەخ قوۋزىقى ياكى توغراق يوپۇرمىقىنىڭ تومۇرىنى سۈرەتكە تارتىپ، بۇ ئىنچىكە ھالقىلار ئارقىلىق كۆرۈنۈشكە ھېسسىيات قوشۇشقا بولىدۇ.

ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلىقتىكى كۈن چىقىش.  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

 بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش: بوشلۇقتىن بەھەيۋەت توغراقلىققا نەزەر سېلىش

 يەر يۈزى كۆرۈش بۇلۇڭى توغراقلىقنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ئەلۋەتتە تۇتۇۋالالايدۇ، لېكىن بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش ئېنىقكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يەنە بىر خىل كۆرۈش سېزىمى تەسىراتى ئېلىپ كېلىدۇ. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق، بىز بوشلۇقتىن توغراقلىققا نەزەر سېلىپ، ئۇنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى ۋە ئۇزاقلىقىنى نامايان قىلالايمىز، كۆرۈنۈش ئىنتايىن كۈچلۈك كۆرۈش سېزىمى تەسىر كۈچىگە ئىگە.

نىيە ناھىيەسىدىكى توغراقلىق.  ۋاڭ جۈن فوتوسى

 بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش: ئەڭ ياخشى ئېگىزلىك

 ئۇچۇش ئېگىزلىكىنىڭ 30- 100 مېتىر ئارىلىقىدا بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەمەلىي يەر شەكلىگە ئاساسەن تەڭشەشكە بولىدۇ. بۇ ئېگىزلىكتە، ھەم توغراقلىقنىڭ ئالتۇن رەڭلىك گۈزەللىكىنى ئېنىق نامايان قىلغىلى، ھەم پۈتۈن كۆرۈنۈشنىڭ قاتلام تۇيغۇسىنى ساقلاپ، زىيادە تارىيىش كۆرۈش ئۈنۈمى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بۈگۈر ناھىيەسىدىكى توغراقلىق.  ھەسەنجان مەمتېلى فوتوسى

 بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش: كۆپ ئۆلچەملىك بەدىئىي تۈزۈلۈش

 ئېگىزدىن سۈرەتكە تارتىش گېئومېتىرىيەلىك تۇيغۇسى: توغراقلىققا ئېگىزدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئۆسۈش جايلىشىشىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، بۇ خۇددى تەبىئىي گېئومېتىرىكىلىق نۇسخىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئەتراپتا دەريا- ئېقىن، كۆل ياكى يوللار ئەگرى- بۈگرى بولۇپ ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتسە، كۈچلۈك سىزىق سېلىشتۇرمىسى شەكىللەندۈرۈپ، كۆرۈنۈشنىڭ كۆرۈش سېزىمى تەسىرىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 تۆۋەن نۇقتىدىن ئۇچۇش: يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتىدە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىن پايدىلىنىپ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ ئورمانلىقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، «ئەگىشىش»ياكى «ھالقىش»تەك كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرگە شۇ جايدا تۇرغاندەك مەپتۇن بولۇش تۇيغۇسى بېرىلىدۇ.

 كۈن چىققان، كۈن پاتقان چاغدىكى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش: توغراقلىقنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتقاندىمۇ، ئوخشاشلا نۇر بىرقەدەر سىلىق چۈشىدىغان ۋاقىت بۆلىكىنى تاللاش كېرەك. كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان چاغدا، ئالتۇن رەڭلىك نۇر توغراقلىققا چېچىلىپ، ئىنتايىن شېئىرىي تۈسكە ئىگە كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ چاغدىكى نۇر سايىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ مول، توغراقنىڭ ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرمىقىغا ماسلاشقان بولۇپ، خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىدا تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ.

تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ لوپنۇر بۆلىكىدىكى توغراقلىق مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).  ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 ئالتۇن كۈزدىكى توغراقلىق بىر پارچە تەبىئىي يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايدۇ

 سۈرەتكە تارتىش بولسا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر.

چەرچەن ناھىيەسى شياڭياڭ كۆلى ئەتراپىدىكى توغراقلىق. تاھىر قۇربان فوتوسى

 مەيلى يەر يۈزىدە توغراقنىڭ سىزىقچىلىرىنى ئىنچىكە نامايان قىلىش بولسۇن ياكى بوشلۇقتىن نەزەر سېلىش بولسۇن، ئۇنىڭ بىپايان ۋە كۆركەم ھەربىر خىل كۆرۈش بۇلۇڭى بىزگە ئوخشاش بولمىغان گۈزەللىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.

تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇر بۆلىكىدىكى توغراقلارنىڭ مەنزىرىسىگە بوشلۇقتىن نەزەر. ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

 مۇۋاپىق نۇر، ئەپچىل بەدىئىي تۈزۈلۈش، شۇنداقلا مۇۋاپىق بولغان كېيىنكى باسقۇچلۇق بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، سىزمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەسەرلەرنى يارىتالايسىز.

تارىم دەرياسى بويىدىكى ئالتۇن رەڭ توغراقلىق. چۆ . خۇرە فوتوسى

 توغراقلىق ئالتۇندەك جۇلالىنىۋاتقان ئەڭ ياخشى پەيتتىن پايدىلىنىپ فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ، تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەللىكىنى خاتىرىلەپ قويۇڭ!

بۈگۈر ناھىيەسىدىكى توغراقلىق باغچىسى. ۋاڭ خەنبىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125