34 جايدا ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشكە باشلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول قاتناش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تۆۋەندىكى ئېلېكتىرونلۇق ساقچى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى:
تاشيول چازا ئېغىزى ئۈسكۈنىسىدىن 13ى، قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىشنى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسىدىن 11ى، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە ئۈسكۈنىسىدىن 8ى، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەننى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسىدىن 2سى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى (كونكرېت تەسىس قىلىنغان ئورۇننى قوشۇمچە جەدۋەلدىن كۆرۈڭ). تاشيول چازا ئېغىزى ئۈسكۈنىسى چەكلەش بۇيرۇقى بەلگىسى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، چەكلەش بەلگە سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈش، شوپۇر بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى ئىشلەتمەسلىك، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يان تېلېفوننى قولدا تۇتۇپ تۇرۇپ تېلېفون بېرىش- قوبۇل قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىشنى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىش، چەكلەش بەلگە سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، چەكلەش بۇيرۇقى بەلگىسى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتىدۇ؛ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەننى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش سىگنال كۆرسەتمىسى بويىچە يۈرمەسلىك، چەكلەش بەلگە سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، يۆنىلىش بويىچە ئاپتوموبىل يولىدا يۈرمەسلىك، تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتىدۇ؛ يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە ئۈسكۈنىسى چەكلەش بەلگە سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، چەكلەش بۇيرۇقى بەلگىسى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، پىيادىلەر پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يول بەرمەسلىك، تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتىدۇ.
2024- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە تەشۋىق- تەربىيە مەزگىلى بولۇپ، 2024- يىل 10- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن باشلاپ ئۇقتۇرۇشتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئاپتوموبىللار جازالىنىدۇ، كەڭ شوپۇرلارنىڭ خەۋەردار بولۇشىنى ھەم يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن- نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ياخشى قاتناش تەرتىپىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قوشۇمچە ھۆججەت: 34 جايدىكى ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسى ئورۇن جەدۋىلى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچىسى تارماق ئەترىتى
2024- يىلى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى