ئارىتام مەنزىرە رايونى قومۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان. كۈز شامىلىنىڭ سىيپاپ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئارىتام بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل رەڭدار پەسىلگە قەدەم قويدى. تاغ ئورمانلىقىدا، ئەسلىدىكى ياپيېشىل دەرەخ يوپۇرماقلىرى قويۇق كۈز تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، خۇددى قىزىل، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، يېشىل رەڭلىك رەڭگارەڭ كىيىم كىيگەندەك كۆرۈنۈپ، بىر پارچە رەڭگارەڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىم ھاسىل قىلغانىدى.
مەنبە: قومۇل شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (ئىختىيارىي مۇخبىر بى يەنخەي)