«ئۇ ئائىلىمىزدىكى <جۇ گېلياڭ>»
10:35:09 2024-10-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

 «تۇغقانلاشقان سىڭلىم ئائىلىمىزنىڭ ياخشى ياردەمچىسى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئائىلىمىزدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، گۈلباھار ياسىن خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

 61 ياشلىق گۈلباھار بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشى ئەمەس ئىدى، تۇغقىنىم خې مىڭخۇەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، تۇرمۇشىمىز يىلدىن- يىلغا ياخشى بولۇپ كەتتى.

 خې مىڭخۇەن 47 ياش بولۇپ، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بورتالا شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى. 2016- يىلى 9- ئايدا، ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇن دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، گۈلباھار ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بولۇپ قالدى.

 «ئەينى چاغدا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كەنتتىكى بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، بالىلىرىمىز مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئائىلە كىرىمىمىزدە ئاساسلىقى كېۋەز تېرىشقا تايىناتتۇق، تۇرمۇش بېسىمىمىز ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئېرىم ئىككىمىز دائىم ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق.» گۈلباھار مۇنداق دېدى: بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، خې مىڭخۇەن بىزگە 2000 يۈەنلىك كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئېلىپ بەردى، يەنە ئېرىمگە ھالىمغا كۆپرەك يېتىش، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشتا بىر- بىرىمىزگە يول قويۇشىمىز توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى.

 گۈلباھار ئىلگىرى تىككۈچىلىك ۋە كەشتىچىلىككە ماھىر ئىدى، ھازىر كىيىم تىكىش ماشىنىسى بار بولدى، ئۇ كىيىم- كېچەك، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە كەشتە بۇيۇملىرىنى تىكىشكە باشلىدى. يېرىم يىلدىن كېيىن، گۈلباھار مەھەللىدىكى بىر كەشتە بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇپ، ھەر ئايدا 3500 يۈەن كىرىم قىلدى. بۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

 2017- يىلى، خې مىڭخۇەن گۈلباھارنىڭ ئېرى يارمەمەت ئابلىز بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنى سىناق قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇلار ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئالدى. خې مىڭخۇەن ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ ۋاقتى بولسىلا ئېرىنى ئېلىپ گۈلباھارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۈزۈم ئۈزۈش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش، ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ ئۈزۈم سېتىشقا ياردەملەشتى. خې مىڭخۇەننىڭ ياردىمىدە، گۈلباھارنىڭ ئۆيىدىكىلەر يەتتە مو يەردىكى ئۈزۈمىنى 70 مىڭ يۈەنگە ساتتى.

 يارمەمەت ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئىش قىلىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. كېيىن ئۇ ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ يىغقان پۇلىغا ئوغلىغا ئون كىۋادرات مېتىرلىق كىيىم- كېچەك دۇكىنى ئېچىپ بەردى.

 لېكىن، تەجرىبە كەمچىل بولغاچقا، كىيىم- كېچەك سودىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خې مىڭخۇەن يارمەمەت ئاتا- بالا ئىككىيلەنگە ئاۋۋال كىيىم- كېچەك دۇكىنىنى تاقىۋېتىپ، قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ پارچە- پۇرات ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش دەسمايىسىنى جۇغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن باشقا سودا پۇرسىتى ئىزدەش تەكلىپى بەردى.

 2020- يىلى، خې مىڭخۇەننىڭ تەكلىپى بىلەن، يارمەمەت ئاتا- بالا ئىككىسى ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىپ يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، كۆلىمى 120 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تاللا بازىرى سېتىۋالدى. ھازىر تاللا بازىرىنىڭ سودىسى ياخشى بولۇپ، ھەر يىلى يۈز نەچچە مىڭ يۈەن پايدا ئالىدۇ.

 2021- يىلى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر قەۋەتلىك ئۆيدىن دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسىدىكى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. «مېنىڭ تۇغقانلاشقان سىڭلىم كۆپنى كۆرگەن، ئۇ ئائىلىمىزدىكى <جۇ گېلياڭ>، ئۇ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى» دېدى يارمەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ.

 بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېڭ لى مۇنداق دېدى: گۈلباھار ئىشچان ھەم قابىلىيەتلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ كەشتە ئەسەرلىرى مەھەللىدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، «ئادەتتە مەھەللىدە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلسا، گۈلباھار بىلەن خې مىڭخۇەن ئىنتايىن ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ھېيت- بايراملاردا ئىككى ئائىلە بىرلىكتە بايرامنى تەبرىكلەپ، ئائىلە بويىچە سۈرەتكە چۈشىدۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ».

 بۇلتۇر گۈلباھار ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن بورتالا شەھىرىدە 65 كىۋادرات مېتىرلىق بىر دۇكان سېتىۋالدى. ئۇلارنىڭ قىزىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى. گۈلباھار چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى تۇغقانلاشقان سىڭلىم بولغاچقا، ئائىلىمىز بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشتى، مەن بۇ دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125