«بىز ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كۆردۇق»
10:41:47 2024-10-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− ئومان مۇخبىرلار جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكى توغرىسىدا

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، ئومان مۇخبىرلار جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ مۇزېيى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا بېرىپ، مەدەنىيەت سورۇنلىرى، كارخانىلار، مەھەللىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، دىنلار ئىناق بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ھەقىقىي ئەھۋالنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەت قىلغان تۇنجى بېكەت بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، نۇقتىلىق تۈگۈننىڭ قاتناش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق قارىدى: خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى زورايتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

 شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدىكى ۋەنتۇڭشۇ مۇقام ھۆججەت- ئەسەرلەر سارىيىدا تارىخىي سۈرەتلەر، نوتا قول يازمىلىرى، نەشر بۇيۇملىرى، پولات سىملىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى ھەم ئۈن ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى چالغۇلىرى قاتارلىق 300دىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم ساقلانغان بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىر تەرەپتىن ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى. ھۆججەت- ئەسەرلەر سارىيىنىڭ ئويۇن قويۇش زالىدا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار يەنە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە ئېسىل مۇقام نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى.

 ئومان مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاخبارات ۋەزىرى مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ئەمىر مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى ھۆرمەتكە ۋە كېڭەيتىشكە ئېرىشىپتۇ.

 ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت زالى ۋە ئاھالىلەر ئۈچۈن ماجىرا ھەل قىلىدىغان «كېلىشتۈرگۈچىلەرگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى»، ياشانغانلارنى ھاۋالىلىك بېقىش- پەرۋىش قىلىش ئۆيى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەھەللىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئىگىلىدى.

 «بۇ يەرنىڭ مەھەللە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، مەھەللە مۇھىتى پاكىز، تەرتىپلىك ئىكەن، ئاھالىلەر ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتىدىكەن، بۇ، شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىپتۇ، بىز بۇ يەردە شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك ۋە ئەركىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق» دېدى ئومان مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، ۋەتەن گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى تالىب داۋبالى.

 شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە بېرىپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانا قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا ئالاقىدار خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. كۆپچىلىك جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى بەس- بەستە ماختىدى.

 شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر قىسمەن پىروگرامما ئىشلىگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

 «شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىروگرامما ئىشلەش سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، بولۇپمۇ خەۋەر مۇخبىرلىقى- تەھرىرلىكى ۋە پىروگراممىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن جايلار بار ئىكەن، كەلگۈسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئومان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى رەشىد يافىي.

 شىنجاڭ مۇزېيىغا كىرگەندە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سورىدى ۋە ئىگىلىدى. «شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېدى ئومان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مېييا خاباشىيا.

 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە سانجى شەھىرىگە جايلاشقان جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شياۋچۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئىلغار ماشىنا- ئۈسكۈنىلەر، زامانىۋى مۇھىت، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ماختىشىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

 «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، بىز ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كۆردۇق، بۇ، غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئېيتقىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن.» ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم دۇنياغا ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭغا كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125