ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى
سەھەردە، ئاۋات شەھەر رايونىدىن قەدىمىي كوچا رايونىغا يېتىپ بېرىش؛ كەچقۇرۇن، كونا قورۇلاردىن يېڭىچە ئولتۇراق رايونغا قايتىپ كېلىش. بۇ، تامچى زايىر سىدىقنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت كارتىنىسى بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش ئۆتەتتى.
«بۇ مەن رېمونت قىلغان 4- قەدىمكى تۇرالغۇ، جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن قەدىمكى تۇرالغۇلارنىڭ رېمونت قىلىشىمىز ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغانلىقىمىزنى ھېس قىلدىم» دېدى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ كۈسەن كوچىسىدىكى نىساخان قەدىمكى تۇرالغۇسىدا گۈللۈكنىڭ گىرۋىكىنى رېمونت قىلىۋاتقان زايىر.
ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان كۈسەن كوچىسى كۇچا شەھىرىنىڭ ساقساق كوچا باشقارمىسى كوچائېرىق مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، كۇچا كونا شەھەر رايونىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە تەۋە بولغان قۇرۇلمىسى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان كوچا رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇر، كۈسەن كوچىسى كۇچا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر كوچىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئالغا سىلجىتىلدى، ئوڭغۇل- دوڭغۇل يوللار تەكشى، رەتلىك، پاكىز قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، ئالىچىپار كونا تاملار شېئىرىي تۈسكە كىرگۈزۈلدى، ئۇزاقتىن بۇيان قۇرۇق تۇرغان قەدىمكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى رېمونت قىلىنىپ يېڭىلاندى، ئەسلىدە كۆزگە چېلىقمايدىغان كوچا تېز سۈرئەتتە داڭ چىقاردى.
بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن زايىرنىڭ ئۆي رېمونت قىلىۋاتقان، ئۆي سېلىۋاتقىنىغا 18 يىل بولدى. ئۇ يېزا- كەنتلەردىكى ئۆيلەر بارغانسېرى زامانىۋى سېلىنىۋاتقان، شەھەرلەردىكى بىنالار بارغانسېرى ئېگىز سېلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى سېلىنغان قەدىمكى قورۇ- جايلارغا رىشتە باغلايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
«بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، مەن يېزىغا بېرىپ ئەمىن ئۆي سالدىم، بىر يىلى ئارقا- ئارقىدىن سەككىز يۈرۈش ئۆي سېلىشقا قاتناشتىم. كۇچا شەھىرىدە ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېلىش مودا بولغاندا، مەن 20 قەۋەتلىك ئېگىز بىنا سېلىشقا قاتناشقانىدىم» دەپ ماختاندى زايىر بىللە ئىشلەۋاتقان ئىشدىشى ئوسمان ئەلىگە قاراپ.
ئوسمان ياغاچچى بولۇپ، ئۇنىڭ زايىر بىلەن مۇنداق ئورتاق كەچۈرمىشى بار: ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن دادىسىدىن ھۈنەر ئۆگىنىپ، ھۈنىرىگە تايىنىپ نۇرغۇن ئائىلىلەرنى بەختلىك شادلىق باغچىسى قىلىپ بېزەپ، ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
بۇلتۇر 3- ئايدا، كۇچا شەھىرى «قەدىمكى تۇرالغۇلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم قەدىمكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى «ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا رېمونت قىلىنىش»نى كۈتۈپ تۇردى، زايىر، ئوسمانغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەنلەر دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەربىيەلىشى ئارقىلىق، ئىشىكى ئالدىدىلا قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئورۇنغا ئىگە بولدى.
«پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھۈنەرۋەنلىرىمىز قىلىدىغان ئىشى يوق بولۇشتىن، پۇل تاپالماسلىقتىن غەم قىلمايدۇ.» زايىر مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپ، ئۇستا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر كۈندە 350 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە پۇل تاپتىم، يېتەكلىگەن شاگىرتلىرىممۇ بىر كۈندە 200 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تېپىۋاتىدۇ. كۇچا شەھىرىدىكى قەدىمكى تۇرالغۇلارنى رېمونت قىلىش كوللېكتىپىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، ھۈنەرۋەنلەر تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
«بۇ پەقەت ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان ئىشلا ئەمەس، ئېرىشكەنلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ» دېدى 50 ياشلىق ئوسمان. ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيىنى رېمونت قىلغاندا، كۇچادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھۈنەرۋەنلەر ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىنلۇنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى ۋە ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقاندىن كېيىن، كوممۇنىستلارنىڭ بۇ ئۈلگىسىگە تېخىمۇ قايىل بولدى؛ قەدىمكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنى رېمونت قىلغاندا، كۆپنى كۆرگەن ھۈنەرۋەنلەر ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان «寿» خېتى نەقىشلىرىنى، جۇڭگو تۈگۈچى قاتارلىق نۇسخا، بېزەكلەرنى بايقىغاندا، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى كۇچاغا ئېلىپ كەلگەن جەلپكارلىقتىن ھاياجانلاندى...
ئالدىنقى يىللاردىكى ئەمىن ئۆي، ئېگىز بىنا سېلىشقا ئوخشاشمايدىغىنى شۇكى، زايىر ۋە ئىشداشلىرى قەدىمكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىنى رېمونت قىلغاندا تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى. ھازىر پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان نىساخاننىڭ قەدىمكى تۇرالغۇسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار تامنىڭ تورۇسى، ئىشىك- دېرىزە، كارىدور تۈۋرۈكى، ھويلا- ئاراندىكى تاختايلارنى قەدەممۇقەدەم ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا، بۇ داڭلىق ناخشىچىغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. «بىزنىڭ بۇ سەنئەتكارنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىشىمىزمۇ قالتىس سەنئەت بۇيۇمى ئىجاد قىلىشتۇر» دېدى زايىر.
«دۆلەت مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى» كۇچا شەھىرىدە شەھەر رايونىدا قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 188ى، تارىخىي ئىمارەتتىن 64ى بار. زايىر جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى «قەدىمكى تۇرالغۇلارنى قۇتقۇزۇش» ھەرىكىتىگە قاتنىشالىغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى. كۇچا شەھىرىدىكى قەدىمكى تۇرالغۇلارنى رېمونت قىلىش كوللېكتىپىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەندىن 150تىن كۆپرەكى بار.
كۇچا شەھىرىدىكى قاتار- قاتار مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىدا، ئاھالىلەر قەدىمكى تۇرالغۇلارنى «جانلاندۇرۇش»، «يېڭىلاش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا، ساياھەتچىلەر رېمونت قىلىپ يېڭىلانغان ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدا ساياھەت سۈرىتىگە چۈشۈش، ئارام ئېلىش، خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان قولى چېۋەر ھۈنەرۋەنلەرنىڭمۇ ئۆز ئارزۇسى بار.
«مەن بۇ يىل ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، كېلەر يىلى كۇچا شەھىرىنىڭ نەنخۇ باغچىسى ئەتراپىدىن كۆل مەنزىرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ، تۇرمۇشتىن ياخشى ھۇزۇرلانماقچى بولۇۋاتىمەن» دېدى زايىر.