− شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى زىلياڭ، چى خۇيجيې، گۇ يۈ
بۇ يىل يازدا، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى جانلىق نامايان قىلىندى؛ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغدىغان بايەكە كەلدىبېككە «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلىپ، سانسىز جۇڭگولۇقنىڭ نەزەرى پامىر ئېگىزلىكىگە مەركەزلەشتى...
يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدا، ھەرقايسى مىللەتلەر كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىسلىسىز جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى.
2023- يىلى 8- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك.
تاغ- دەريالار تىمتاس، ئەمما يىللارنىڭ ساداسى بار. شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل- قىز خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئوچۇق بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ دەۋر يېڭى ناخشىسىنى ياڭراتتى.
بىر مەقسەتتە كۈچنى مۇجەسسەملەش
تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا تەرەققىياتنى كۆزلەش
لوپنۇر كەندىرى چېيى، لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى، كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى، كوئېنلۇن شۆجۈسى ... لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان لوپنۇر ناھىيەلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسىدا، 100 خىلدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلات رەتلىك تىزىلغانىدى. ھەر كۈنى، تەخمىنەن 20 نەپەر ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان رىياسەتچى بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى ياكى تاۋار ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا بىۋاسىتە كۆرسىتەتتى.
«ھۆكۈمەت مەبلەغ ئارقىلىق يۆلەپ ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەپ، داشى كەنتىنى تاشقى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان سۇپا قۇردى، بىز بېيىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تىرىكچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى داشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دىلخۇمار.
داشىدىن ئىبارەت ئىلگىرىكى «شورلۇق يەر»نىڭ بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، پۈتۈن كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «يانچۇقى تومپايدى، روھى كۆتۈرەڭگۈ» بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا دېھقان ئائىلىلىرىگە «كىردى»، يەرلىك ماللار تىيانشان سىرتىغا «ئۇچۇپ چىقتى.» 2023- يىلى، شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 33 مىليارد 888 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %31.07 ئاشتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.
مىللەتلەر بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلاندى. «جۇڭگو ياڭاق ماكانى» ئونسۇ ناھىيەسىدە، 860 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ياڭاقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى. باغۋەن جاۋ ۋۇجۇڭ بىلەن مۇختەر تۇردى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىشلەپ، خۇشاللىققا چۆمدى. «بۇ يىللاردا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ياڭاق كەسپى زورايدى، كۈچەيدى، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.» جاۋ ۋۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر مۇختەر ئاكامنىڭ شەخسىيەتسىز قوللىشى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى، «ئۆيۈم، ماشىنام بار بولدى، مەن ۋە ئاكامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇرۇق- تۇغقان بولۇپ كەتتۇق، سېنىڭ- مېنىڭ دەپ ئايرىمايمىز».
شىنجاڭ تۇپرىقىدا، تەرەققىيات ناخشىسى ياڭرىدى: باغراش ناھىيەسى مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ماڭدى؛ قەشقەر ۋىلايىتى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئوچۇق ئىقتىساد تەرەققىيات يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلماقتا؛ ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى جانلاندۇردى، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈردى... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى ئاچتى، شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2012- يىلىدىكى 6876 يۈەندىن 2023- يىلىدىكى 17 مىڭ 948 يۈەنگە كۆپەيدى، بەختلىك تۇرمۇش كۈندىن- كۈنگە يۈكسەلدى.
قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، روھنى مۇجەسسەملەش
ھەرقايسى مىللەتلەر مەركەزداش چەمبەرنى ئورتاق سىزىپ چىقىش
قىزىل شايى لەپىلدەپ، دۇمباق ئاۋازى جاھاننى زىلزىلىگە سالدى، كۆرگەنلەر غەيرەتكە كەلدى، ئاڭلىغانلار ئىلھاملاندى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن بىر مەيدان ئەنسەي بەل دۇمبىقى نومۇرى ئورۇندىلىۋاتاتتى. سېرىق تۇپراقتا يىلتىز تارتقان قەدىمىي سەنئەت سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە تارقالماقتا.
مەكتەپ قورۇسىدا ماڭغىنىڭىزدا ئۇچراتقان ھەر بىر بالا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ سالام بېرەتتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى. «ئەدەپ- قائىدە ئۆگەنمىگەنلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.» 13 ياشلىق گۈلنەزەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىلمى كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش جەريانىدا، ساۋاقداشلار جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ھېس قىلىپ، ئاتا- ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش كېرەكلىكىنى چۈشىنىۋالدى.
«ئورتاق يېزىقنى قوللىنىش، ئورتاق تىلدا سۆزلىشىش، بىر مەقسەتتە بولۇش. ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش كەيپىياتىدا، ئوقۇغۇچىلار كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى تولۇق ھېس قىلدى.» مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: بىر تامچە سۇ دېڭىزغا قوشۇلغاندىلا، ئاندىن مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشەلەيدۇ، بىر مىللەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە سىڭىشكەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك. شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى.
«كۆلگە ئايلاندى قاقاسلىقلار، ئېتىزغا ئايلاندى كۆل- دېڭىزلار، جىلغىغا ئايلاندى تاغلار- ئېدىرلار، قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى قارلىق چوققىلار، پەقەت قەھرىمان ماناسنىڭ ھېكايىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلار...» ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى كۆئارتىق كەنتىدە، قىزچاق يېلىزا ئارىن دوستلىرى بىلەن بىللە قۇمۇز چېلىپ، قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»نى ئېيتىپ، «يالقۇن ئۇسسۇلى» ئوينىدى، رىتىمى جاراڭلىق، ئاھاڭى گۈزەل، مېلودىيەسى ماسلاشقانىدى، «چوڭ بولغاندا <ماناس> ۋارىسى بولغۇم بار» دېدى ئۇ.
ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن «ماناس» «گېسار» «جاڭغىر» بىلەن تەڭ نام چىقارغان دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ چوڭ قەھرىمانلىق ئېپوسىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ماناس»نى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ماناس تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلۇپ، پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ۋارىسلار قوشۇنى بەرپا قىلىندى.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات تايانچى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ كەلگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. «ماناس»، دولان مەشرىپى، ساۋۇردىڭ ئۇسسۇلى... شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش- قوغداش، تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش، جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى. «شىنجاڭنىڭ تۆت تارىخى» كۆچمە مۇزېيىنىڭ «100 ناھىيە، 1000 يېزا»نى تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش مەركىزى، ۋارىسلىق قىلىش- ئۆگىتىش ئورنى ھەممە جاينى قاپلاپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، يېڭى جەلپ قىلىش كۈچى نامايان قىلىندى.
بىر مەقسەتتە بولۇش
ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق دوستلۇق مېھرىنى قويۇقلاشتۇرۇش
دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، چۆچەك شەھىرىنىڭ قارادۆڭ مەھەللىسى قورۇسىدا «قوشنىلار بايرىمىدىكى 100 ئائىلىلىك زىياپەت» باشلاندى. 14 مىللەتنىڭ 26 خىل قورۇمىسى ئارقا- ئارقىدىن ئۇزۇن ئۈستەلگە تىزىلدى، ھەر مىللەت ئامما مىللىيچە ناخشىلارنى نامايان قىلىپ، شادىيانە ئۇسسۇللارنى ئوينىدى، نەچچە ئون ھەر مىللەت ئامما ئۇزۇن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ھەر خىل مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ، ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى، كۈلكە سادالىرى پات- پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
قارادۆڭ مەھەللىسىدە خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق 14 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپچىلىك «بىللە ئولتۇراقلىشىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىش قىلىپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن نام كارتىسى»نى ئورتاق قوغدىماقتا. «بۇ، بىر قېتىملىق يىغىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاھالىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق بەرپا قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىللىق مەنزىرىسى.» قارادۆڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى باھارگۈل مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەھەللىمىز مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى.
شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، بۇ جايدىكى ئوخشاش بىر ئاسمان ئاستىدا، ئوخشاش بىر تۇپراق ئۈستىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيدۇ، «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە رېئال كارتىنىسى بولدى.
ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 7000 بولغان كورلا شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەھەللىسىدە ھەر مىللەت خەلق ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ، بىللە ئىش قىلىپ، بىللە كۆڭۈل ئاچماقتا؛ ئاقسۇ شەھىرى ۋاڭسەن كوچىسىدىكى نۇرغۇن دۇكانلار «بىر ئائىلە كىشىلىرى»نى نام قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە يار- يۆلەك بولۇپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ، كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلانماقتا؛ «ھەممىمىز قەلبداش، ئالتە شۇئار كوچىسىدا بىللە تۇرىمىز»، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتە شۇئار كوچىسى مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان ھەربىر نەپەر ھەر مىللەت ئامما كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھەربىر سۆز، ھەربىر ھەرىكىتىدە «ئوخشاش بىر كوچا رايونى، ئوخشاش بىر ماكان»غا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزاھلىماقتا.
بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىق گېنىنى داۋاملاشتۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
شۇ جايدىكى ئامما ئۆزئارا يار- يۆلەك بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلغاندىن باشقا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم- تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئۆزئارا بېرىش- كېلىش قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش داۋامىدا ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق- تۇغقاندەك ئۆتتى، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلدى.
2018- يىلى، گۇاڭدۇڭ- شىنجاڭ بىر مەقسەتتە داۋالاش- قۇتقۇزۇش بويىچە «تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرى رەسمىي باشلاندى، تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئالتە ياشتىن تۆۋەن 153 بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىندى، داۋالاندى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى شياۋ فېي مۇنداق بىلدۈردى: «<تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار> ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيەسى جانلىق ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچلۈك گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدى. بىز ئىتتىپاق، ئىناق، ئىللىق چوڭ ئائىلە بەرپا قىلىش ئۈچۈن سىجىل كۈچ قوشىمىز».
يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار بىر- بىرىگە رىشتە باغلاپ، بىر- بىرىگە سىڭىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داغدام يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ماڭماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)