شاۋزات غەيرەت قىلىڭ! ئەما دادا: «مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ بالامنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت»
15:47:49 2024-10-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ شياۋخەن) «بالام داۋاملىق تىرىشقىن، غەيرەت قىل! مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ بالامنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بەرگىنىگە رەھمەت». 10- ئاينىڭ 23- كۈنى، شاۋزاتنىڭ دادىسى مەي ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا بالىغا ھەمراھ بولۇپ، بالىنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى. مىليونلىغان تورداشنىڭ ئۇلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بەس- بەستە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ تېلېفوندا ھاياجانلانغان ھالدا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

داۋالاش خادىملىرى شاۋزاتنى كۆتۈرۈۋالدى. (بىۋاستە كۆرسىتىش كەسمە سۈرىتى)

 بۇ يىل 7- ئاينىڭ 8- كۈنى شاۋزات تېخى ۋاقتى توشمايلا، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ قالدى. تۇغۇلغىنىغا 100 نەچچە كۈن بولغان ئۇنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى (قېرىنچە پاسىلى كەمتۈك بولۇش، ئارتېرىيە نەيچىسى ئېتىلمەسلىك)، يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، ھەم ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يۇقىرى قىزىتما قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بولۇپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ئىدى.

 شاۋزاتنىڭ دادىسى مەي ئەپەندى بۇ يىل 34 ياش، ئاپىسى مىنا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 37 ياش بولۇپ، ئىككىلىسى مېيىپ. مەي ئەپەندىنىڭ ئىككى يېشىدىن باشلاپ ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، ئۇ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، ئەمالار ئۇۋۇلاش تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بىر ئۇۋۇلاش دۇكىنىدا ئىشلىگەن. مىنانىڭ پۇتى مېيىپ، ھەرىكىتى قولايسىز بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مىنا مەي ئەپەندىنىڭ كۆزىگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭغا يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرەتتى، مەي ئەپەندى بولسا مىنانىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ ئىدى.

 2018- يىلى ئۇلارنىڭ تۇنجى بالىسى تۇغۇلدى، ئەپسۇس بالىسى تۆت ئايلىق بولغاندا تۇيۇقسىز قىزىپ قېلىپ، بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتتى. كەينىدىن شاۋزات تۇغۇلغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى شاۋزات تۇغۇلغانلىق خۇشاللىقىغا چۆمدى، كىم بىلسۇن، تەقدىر ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم چاقچاق قىلدى.

 نەپەس ئېلىشى ناھايىتى قىيىن بولغان بالىنى كۆرۈپ تۇرۇۋېتىپمۇ، مەيلى قانچىلىك قىيىن بولسۇن، ئۇلار ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمۇ كۆپ تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، سىچۇەن داشۆ خۇاشى 2- دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالىتىشنى قارار قىلدى.

 بۇ قېتىم جىنشىپىن چاڭتيەن خەۋىرىدىن بىللە ماڭغان مۇخبىر ۋۇ جۇڭمىن ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى، شاۋزات 23- چېسلا ئەتىگەندىن باشلاپ ئىزچىل قىزىغاچقا، قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىقى چاپلىنىپ، نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى ئورنىتىلدى، بىللە ماڭغان تېببىي خادىملار ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ئىككى سائەتتە بىر قېتىم سۈت ئىچىدۇ، بىر قېتىمدا 30 مىللىلېتىر سۈت ئىچىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۈچ كىلوگىرامغا تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر ئۇنىڭدىكى ھاياتلىق ئالامەتلىرى مۇقىم، لېكىن ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدا يۆتىلىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىق خەتەرلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 شاۋزاتنىڭ كېسىلىگە ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلدى، كۆپچىلىك بەس- بەستە ئۆزىنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىنى تەقدىم قىلدى، ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر(10- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 17:54كىچە) ئىئانە قىلىنغان پۇل 240 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125