ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زېڭ لى) 10- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 19لاردا، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان شىنجاڭدىكى بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق شاۋزات ئېلىپ مېڭىلغان 新A·0NG25 نومۇرلۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شىنجاڭدىن بىخەتەر چىقىپ، گەنسۇ تەۋەسىگە كىردى ھەمدە كېچىلەپ چېڭدۇغا قاراپ ماڭدى. گەنسۇ ليۇيۈەن ھەق ئېلىش پونكىتى يېشىل مەخسۇس يولنى ئېچىپ ئاپتوموبىلنى ماڭدۇرۇشقا تەق بولدى.
شاۋزات يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن سىچۇەن داشۆ خۇاشى 2- دوختۇرخانىسىغا داۋالىنىش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلدى. بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچقا، ئايروپىلان ياكى گاۋتيېدا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشكە ئامال بولمىدى، مېھىر- شەپقەت، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە دوختۇرخانىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، 新A·0NG25 نومۇرلۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا قاراپ يولغا چىقتى.
2000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇ مەيدان كۈچ ئۇلاپ قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش داۋالاش، قاتناش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتارلىق ھەر تەرەپتىكى خادىملارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر، شاۋزاتنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، سانسىزلىغان تورداشلارنىڭ مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈشى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)