ئالتۇن كۈز پەسلىدە، بىپايان تۇپراق ئالتۇن رەڭگە كىردى، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، تۈرلۈك زىرائەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، دېھقانلار ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى گۇاڭراۋ ناھىيەسىنىڭ لىچۆ بازىرى لىيۈەن كەنتىدىكى بىر ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا، دېھقانلار يىغىۋالغان كۆممىقوناقلىرىنى تورغا قاچىلاپ ئاپتاپقا سالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ليۇ يۈنجيې فوتوسى)
شەندۇڭ ئۆلكىسى رۇڭچېڭ شەھىرى شاڭجۇاڭ بازىرىدىكى بىر ئاشلىق قۇرۇتۇش مەركىزىدە، كەنت ئاھالىلىرى كۆممىقوناقلىرىنى توشۇپ كېلىپ قۇرۇتۇشنى ساقلىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لى شىنجۈن فوتوسى)
جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرى خەيجوۋ رايونى گاڭبۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى جىددىي ھالدا شال يىغماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (گېڭ يۈخې فوتوسى)
يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئېريۈەن ناھىيەسىنىڭ سىبىخۇ بازىرى يۇڭليەن كەنتىدە، دېھقانلار كومبايىن ھەيدەپ شال ئورماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لو شىنسەي فوتوسى)
مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى