ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ) 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، بېيجىڭ داشۆ جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى زامانىۋى تەتقىقات مەركىزى، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، كېرىيە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە قۇرغان توشقان زەدىكى تەتقىقات مەركىزى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. تەتقىقات مەركىزى توشقان زەدىكى كەسپى پەن تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەھسۇلات ئېچىش ھەم بازارنى كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە كۈچ چىقىرىپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توشقان زەدىكى كەسپىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
10- ئاينىڭ 21- كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىدە توشقان زەدىكى تەتقىقات مەركىزى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ فوتوسى
تەتقىقات مەركىزىگە جەمئىي 28 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2169 كىۋادرات مېتىر، تەجرىبە بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1308 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، پەن تەتقىقات ئاقىل تەجرىبە ئېتىزىدىن 50 مو، توشقان زەدىكى بازىسىدىن 500 مو قۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە، تەتقىقات مەركىزى باغچە رايونىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى، ئىچكى قىسمىنى بېزەش ھەم قوشۇمچە يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)