ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زېڭ لى) 10- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 6لەردە، ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان شىنجاڭدىكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق شاۋزاتنىڭ ئەھۋالىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، سائەت 8لەر ئەتراپىدا لەنجوۋ داشۆ 1- دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلىپ بەدەن كۆرسەتكۈچ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى. ھازىر، لەنجوۋ داشۆ 1- دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئاندىن سىچۇەن داشۆ خۇاشى 2- دوختۇرخانىسىغا بېرىش تەكلىپىنى بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، شاۋزاتنىڭ ئاپىسى چېڭدۇغا يېتىپ كېلىپ، بالىسىنى ساقلاۋېتىپتۇ.
شىنجاڭدىكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق شاۋزات يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن سىچۇەن داشۆ خۇاشى 2- دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلدى. بۇ بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچقا، ئايروپىلان ياكى گاۋتيېدا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشكە ئامال بولماي، مېھىر- شەپقەت، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتى ۋە دوختۇرخانىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، 新A·0NG25 نومۇرلۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا ئېلىپ مېڭىلدى. بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى پۈتۈن مۇساپىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ دىققەت قىلىدۇ. بۇ يەرنى چېكىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە كىرىڭ
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)