ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زېڭ لى) 10- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 11دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭدىكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق شاۋزات لەنجوۋ داشۆ 1- دوختۇرخانىسىدىن يولغا چىقىپ، داۋاملىق 新A·0NG25 نومۇرلۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن سىچۇەن داشۆ خۇاشى 2- دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ مېڭىلدى. گەنسۇ قاتناش ساقچىلىرى يول باشلاپ مۇھاپىزەت قىلىپ ئۇزىتىپ قويدى.
24- چېسلا سائەت 8لەردە، شاۋزات تۇيۇقسىز ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن لەنجوۋ داشۆ 1- دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنىپ داۋالاندى. ھازىر، ھاياتلىق ئالامەتلىرى مۇقىملىشىپ، داۋاملىق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ماڭسا بولىدۇ، دەپ باھالاندى. شاۋزات لەنجوۋ داشۆسى 1- دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان مەزگىلدە، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەر دوختۇرخانىغا كېلىپ، يېمەكلىك ۋە پۇل ئىئانە قىلدى.
شىنجاڭدىكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق شاۋزات يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن سىچۇەن داشۆ خۇاشى 2- دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلدى. بۇ بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچقا، ئايروپىلان ياكى گاۋتيېدا باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشكە ئامال بولماي، مېھىر- شەپقەت، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتى ۋە دوختۇرخانىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، 新A·0NG25 نومۇرلۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا ئېلىپ مېڭىلدى. بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى پۈتۈن مۇساپىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ دىققەت قىلىدۇ. بۇ يەرنى چېكىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە كىرىڭ
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)