ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ چىڭشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر جى يۇڭتاۋ) 2025- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھەم ئائىلە باشلىقلىرىنى كۆپ قاتراتماسلىق ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى نوپۇس ئىشلىرى كۆزنەكلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەم ئائىلە باشلىقلىرىغا «يېشىل كارىدور» ئېچىپ بېرىپ، «ئالدىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئالدىن بېجىرىپ بېرىش»تەك خىزمەت تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئەلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. 10- ئاينىڭ 23- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2025- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش، نوپۇس سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.
«ساقچى يولداش، بالام كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى ئىدى، ھازىر نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ، قايسى ماتېرىياللارنى تەييارلاشنى بىلەلمىدىم، بۇلارنى ماڭا دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن؟» 10- ئاينىڭ 22- كۈنى، لى خۇڭيەن ئىسىملىك ئائىلە باشلىقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇلازىمەت مەركىزى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ نوپۇس ئىشلىرى كۆزنىكىدە خەلق ساقچىسىدىن مەسلىھەت سورىدى.
«ئالدىرىماڭ، بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملاش <يېشىل كارىدور>ىنى ئېچىپ بەردۇق، سىز پەقەت نوپۇس دەپتىرى، ئوقۇغۇچىنىڭ كىملىكى ھەم نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملاش جەدۋىلىنى كۆرسەتسىڭىزلا بولىدۇ، شەخسىي ئۇچۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، بىز ناھايىتى تېزلا سىزگە بېجىرىپ بېرىمىز». نوپۇس ئىشلىرى كۆزنىكىدىكى خەلق ساقچىسى لى خۇڭيەنگە سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى، 10مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، لى خۇڭيەن نوپۇس تەكشۈرۈپ تىزىملاش كەسپىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىپ بولدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)