قومۇل ياخشى جاي \ قومۇل گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ خۇڭجيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر تاۋ چۈنياڭ) 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، مۇخبىرنىڭ قومۇل ئىۋىرغول ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن باشلاپ، قومۇل ئايرودۇرۇمى شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىدە 10 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناش زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپەرگە چىقىش تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، قومۇلدىن شىئەنگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش زىچلىقى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتى تېخىمۇ جانلىق بولىدىكەن، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە ئارال- قومۇل- شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش ئىجرا قىلىنىپ، 11:35تە ئارالدىن ئۇچۇپ، 13:35تە قومۇلغا يېتىپ كېلىدىكەن، 14:15تە قومۇلدىن ئۇچۇپ، 16:45تە شىئەنگە يېتىپ بارىدىكەن؛ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە تۇمشۇق- قومۇل- شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىجرا قىلىنىپ، 11:35تە تۇمشۇقتىن ئۇچۇپ، 13:35تە قومۇلغا يېتىپ كېلىدىكەن، 14:15تە قومۇلدىن ئۇچۇپ، 16:45تە شىئەنگە يېتىپ بارىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىلىپ، ئۈرۈمچى- قومۇل- شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىجرا قىلىنىپ، 7:50تە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، 9:30دا قومۇلغا يېتىپ كېلىدىكەن، 10:10دا قومۇلدىن ئۇچۇپ، 12:50تە شىئەنگە يېتىپ بارىدىكەن، يۇقىرىقى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ تىپى بىردەك E190 بولۇپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.
قومۇل ئىۋىرغول ئايرودۇرۇمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش ئايرودۇرۇمنىڭ بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە يولۇچىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ چىقارغان تەڭشەش ئىكەن. قاتناش زىچلىقى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىنكى شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.