مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ياپونىيە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى «سېنشيا رېندەن» 10- ئاينىڭ 24- كۈنى 2 مىليون 600 مىڭ قاپ يۈز چاپلىقى مەھسۇلاتىنى چاقىرتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، سەۋەبى بولسا 9- ئايدىكى ئىچكى تەكشۈرۈشتە بۇ مەھسۇلاتنىڭ قىسمەن تەركىبى گىرىم بۇيۇملىرى ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، تېرىدە مەسىلە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى بايقالغان.
نۆۋەتتە، بۇ شىركەت ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)