ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى 156گە يەتتى
11:13:10 2024-10-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق پەنلەر ۋە مۇھىم كەسىپلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى يېڭىدىن بىكىتكەن ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن 22نى ئېلان قىلغان. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى 156گە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق پەنلەر ۋە مۇھىم كەسىپ، ساھەلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىغان.

مۇخبىرنىڭ دىققەت قىلىشىچە، بۇ قېتىم بېكىتىلگەن 22 ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ئىچىدە، تايانغان ئورۇن كارخانا بولغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن توققۇزى بار ئىكەن. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

شىنجاڭ تېڭيۈ فوتو ئېلېكتىر پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىلتىماس قىلغان شىنجاڭ ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز ئېلاستىكلىق ئەينەك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى. بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز ئېلاستىكلىق ئەينەك، تەكشى يۈزلۈك ئېكران ماتېرىيالى، ئەگرى يۈزلۈك ئېكران ماتېرىيالى، يېڭى تىپتىكى ۋە ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان كۆرسىتىش ماتېرىيالى ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. «ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ تەستىقلىنىپ قۇرۇلۇشى كارخانىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقاتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى بۇ تەجرىبىخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي جيەنفېڭ.

نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىقاتىنى تەشكىللەپ، يۇقىرى قاتلاملىق پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى كوللېكتىپىنى توپلاپ، يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت تەجرىبىخانا بازىسىدىن بىرى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن بىرى، ئۆلكە، مىنىستىرلىق بىرلىكتە قۇرغان دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن ئىككىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىدىن ئىككىسى، دۆلەت قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىن بەشى، دۆلەت خەلقئارا پەن- تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىدىن 12سى بار. ئاپتونوم رايون 156 ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، بىر تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، 234 قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزى، 28 كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزى، تۆت يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋاسىتىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇرۇشنى تېزلەتتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125