− ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئادىلە، جاڭ مىڭشيەن
10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ 32 كىشى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى. ئۇلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، قومۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت مەيدان- سورۇنلىرى، مەسچىت، يېزا- كەنت قاتارلىقلارغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقان، ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان، جەمئىيەت مۇقىم، مەدەنىيەت گۈللەنگەن ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
ئۈرۈمچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئالدى بىلەن شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ، «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، نۇرغۇن سۈرەت، سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن خەۋپىنى ئىگىلىدى.
«تېررورىزم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، جۇڭگو شىنجاڭ بۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپتۇ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىلھام ئالدۇق.» مالىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بۇباكا گۇرو دىئال مۇنداق بىلدۈردى: «بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېررورىزمنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىمىز».
ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ سىن ئۈنۈمى ئارقىلىق «يىپەك يولىدا قايتا مېڭىپ»، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
قىرغىزىستاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئاركېبېك مارىپوف يان تېلېفونىدا نادىر كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى زامانىۋىلاشقان شەھەر ئىكەن، ھەممە يەردە زامانىۋى تۈسنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى دىن شۆيۈەنىنىڭ دەرسخانىسى، كۇتۇپخانىسى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.
«بىز جۇڭگو شىنجاڭدا مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆردۇق، بۇ، ساختا تەشۋىقاتتىكى خەۋەرلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن» دېدى ئىراننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كامال ناسىر.
تۇرپاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى، يارغول قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ھەمدە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. «تۇرپاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ھۆكۈمەت نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپتۇ ۋە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ» دېدى نىگېرىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى مەخمۇد ئېل مۇھەممەد.
كامېروننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى دېۋا مۇستافا مۇنداق بىلدۈردى: تۇرپان ئىنتايىن ياخشى جاي ئىكەن، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئىشچان، تىرىشچان ئىكەن، ساياھەتچىلىكىمۇ ئىنتايىن تەرەققىي قىپتۇ.
قومۇلدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى قومۇل شىچېڭزى يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچىسى، ئېۋىرغول رايونى شىخې كوچىسى داشىزى مەسچىتى، قومۇل شەھەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى، قومۇل ۋاڭ ئوردىسى، ئالتۇن قەدىمىي كوچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە دىننى قوغداش ئەھۋالىنى ھېس قىلدى.
«ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، توردىكى شىنجاڭ توغرىسىدىكى نۇرغۇن قاراشلار خاتا ئىكەن. مەن بىۋاسىتە ھېس قىلغانلىرىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئېيتىپ بېرىمەن» دېدى پەلەستىننىڭ ئىران ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ماھىر كاراچى.
«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز ئىكەن، ھەممىلا يەردە ئىناقلىق ۋە بەختنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» ئوماننىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى سەلىم مۇھەممەد بۇسەيدى مۇنداق بىلدۈردى: «يول بويى مەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ھېس قىلدىم، مەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتىنى دۇنياغا ئېيتىپ بېرىمەن».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)