ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
11:31:43 2024-10-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي) 10- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش»نى چۆرىدەپ كېڭەشتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، توققۇز ئەزا يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسەتتى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، توپلىنىشى شىنجاڭنى قىممەتلىك ھەم مول بولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە قىلغان، مېخانىزم ۋە نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەشتۈرۈش ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ۋە كۆپ خىل تارقىتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىغا قويۇپ كۆزىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش، شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتىكى قىممىتى، ئىقتىدارى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالاقىدار يىرىك پىلانلىرىغا كىرگۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش- تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا پايدىلىق بولغان جەمئىيەت مۇھىتى ۋە قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەردان مۇقىيىت يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىگە جاۋاب بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ يۇڭ باش تېمىلىق سۆز قىلدى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن جارۇللا ھېسامىدىن، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ليۇ خۇيجۈن، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، جىن جىجېن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125