ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى! يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
16:16:42 2024-10-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يۈ خۇايىڭنىڭ جىنايى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن خەۋپى زور، جاۋابكار يۈ خۇايىڭنى بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، ھەم بارلىق شەخسىي مال- مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش كېرەك دەپ يەنە بىر قېتىم بېكىتتى.

 يۈ خۇايىڭ سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 دېلو ئەھۋالىدىن ئەسلىمە

 2004- يىلى يۈ خۇايىڭ يۈننەندە دېلو سادىر قىلىۋاتقاندا قولغا چۈشكەن. قورققانلىقتىن، ئۇ سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى جاڭ يۈن دەپ مەلۇم قىلغان، سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، كېيىن جازاسى ئۈچ يىل كېمەيتىلىپ، 2009- يىلى قويۇپ بېرىلگەن.

 2022- يىلى ئالداپ كېتىلگەن قىز ياڭ نيۇخۇا دېلو مەلۇم قىلغان، يۈ خۇايىڭ يەنە قولغا ئېلىنغان، ئۇنىڭ جىنايىتى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلانغان.

 2023- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، گۇيياڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا يۈ خۇايىڭنى بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ھۆكۈم چىقارغان، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، تەسىرى پەۋقۇلئاددە يامان بولغاچقا، 1- سوتتا يۈ خۇايىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنغان. 

 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، بۇ دېلوغا گۇيجوۋ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2- سوت ئاچقان. 

 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىغا 2- سوت كېسىمى چىقىرىپ، قايتا سوت قىلىشقا قايتۇرغان. سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: ئەسلىي ھۆكۈمدە ئەسلىي سوتتىكى جاۋابكار يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ ساتقان باشقا جىنايەت پاكىتلىرى چۈشۈپ قالغان، قىسمەن پاكىتلار ئېنىق ئەمەس، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچى يۈ خۇايىڭنىڭ بارلىق جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قايتا سوت ئېچىش كېرەك.

 2024- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىغا قايتا سوت ئېچىلدى، ئەيىبلىگۈچى ئورگان يۈ خۇايىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

 (باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى شىن يۈ، شى چاۋجيې)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125