ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئاشتى
11:35:06 2024-10-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 322 مىليارد 390 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئېشىپ، تاشقى سودا كۆلىمىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭ تاشقى سودىسىدا «مىقدار مۇقىم بولۇش، سۈپەت ئۆسۈش، كۈچ توپلاش»تەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 272 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.6 ئاشقان؛ ئىمپورت قىممىتى 49 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.1 ئاشقان. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈردى. شىنجاڭ تاشقى سودىسى سىجىل مۇقىم بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭ يەرشارىدىكى 207 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى، بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.4 ئېشىپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %39ىنى ئىگىلىدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.8 ئاشتى؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشتى؛ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP)گە ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %223.7 ئاشتى.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئاساسلىق سودا شەكىللىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولدى. ئادەتتىكى سودىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %84 ئېشىپ، %33.8نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 10.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. ئادەتتىكى سودا كەسىپ زەنجىرى كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى ۋە ياسىمىچىلىق سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۇزاق، تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ تاشيولى، سۇ يولى، تۆمۈريولى، ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7، %171.3، %37.2، %21.3 ئاشقان بولۇپ، ئىستېرېئولۇق خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى تېز شەكىللەنمەكتە.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ جەملىمە ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى 130 مىليارد 490 مىليون يۈەن بولۇپ، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40.5ىنى ئىگىلىدى. قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەملىمە ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى 132 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.7 ئېشىپ، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %41.1ىنى ئىگىلىدى. ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدا ئىمپورت- ئېكسپورت جەھەتتە ئەمەلىي نەتىجە ياراتقان تاشقى سودا كارخانىسى 3065كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %21.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە تىجارىتىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بازارغا ئۇيغۇنلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.2 ئېشىپ، تاشقى سودىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %96.3 ئاشتى.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تاشقى سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش غەيرىتى تولۇپ تاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا «بىرىنچى كۈچلۈك» ئورۇندا تۇرۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.7 ئاشتى. تاشقى سودا كۆلىمىدە ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2 -، 3- ئورۇندا تۇرىدىغان قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.2، %16.9 ئاشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125