نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇش بانكىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ سىناق قىلىش خىزمىتىنى تاماملىغان بولۇپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئارقىلىق تۇرالغۇ سودا قەرز پۇلىنى ئايمۇئاي قايتۇرۇش كەسپىنى رەسمىي قانات يايدۇردى.
10- ئاينىڭ 24- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەركەز قۇرۇلۇش بانكىسىدا تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى ئارقىلىق تۇرالغۇ سودا قەرز پۇلىنى ئايمۇئاي قايتۇرۇش كەسپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆي سېتىۋالغان ئاممىنىڭ قەرز قايتۇرۇش بېسىمىنى يەنىمۇ يېنىكلەتكەن.
بۇ كەسىپ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر چوقۇم سودا تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە مەزكۇر مەركەزنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئاممىۋى فوندى قەرز پۇلى ۋە ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى بولمىغان تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ جورىسى بولۇشى كېرەك. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر بەلگىلىمە بويىچە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئايمۇئاي ئېلىپ سودا تۇرالغۇ قەرز پۇلىنى تۆلىسە بولىدۇ، ھەر قېتىم ئالغان ئومۇمىي سوممىسى شۇ مەزگىلدە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ئايلىق قەرز سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)