دۆلىتىمىزنىڭ مېۋىلىرى «چەت ئەلنىڭ چاپىنى»نى كىيگەن ھامان باھاسى نەچچە ھەسسە قىممەت بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنداق ئەسكەرتتى!
17:02:32 2024-10-25 تىيانشان تورى

 يېقىندا ھەر خىل پەسىللىك مېۋىلەر ئارقا- ئارقىدىن بازارغا سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت قىلىنغان باھاسى يۇقىرى مېۋىلەر ئاز ئەمەس، لېكىن ئىمپورت قىلىنغان بۇ مېۋىلەرنىڭ ئىچىدىكى ياپونىيە چىڭۋاڭ ئۈزۈمى، ياپونىيە جىڭگاڭ تورلۇق قوغۇنى، ئامېرىكا لىمونى، كولومبىيە چىلىنگو مېۋىسى قاتارلىقلار دۆلىتىمىزنىڭ تەكشۈرۈش- كارانتىن قىلىش ئىجازىتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەزى سودىگەرلەر ئۇچۇر پەرقىدىن پايدىلىنىش، ئىمپورت قىلىنغان سوۋغات قۇتىسىغا تەقلىد قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىكى مېۋىلىرىنى ئىمپورت قىلىنغان مېۋە قىلىپ ئوراپ قاچىلاپ، سېتىلىش باھاسىنى ھە دېگەندىلا نەچچە ھەسسە ئۆستۈرۈۋەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئالماشتۇرۇش، چەت ئەل ماركىسىنى يەنە چەت ئەل ماركىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئەھۋاللىرى بار ئىكەن.

 دۆلىتىمىزنىڭ مېۋىلىرى بىردىنلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىمپورت قىلىنغان مېۋىلەرگە ئايلىنىپ، باھاسى ھەتتا ئون ھەسسىگە يېقىن ئۆستۈرۈلدى، ساختا تەشۋىقات ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى ئالدايدىغان بۇنداق قەبىھ قىلمىش ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە جىنايەت شەكىللەندۈرۈشكە چېتىلىدۇ، يەنە مۇنتىزىم سودىگەرلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، سېتىشىغا بېسىم پەيدا قىلىپ، بازار باھاسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنداق تەشەببۇس ئېلان قىلدى:

 كەڭ ئىستېمالچىلارغا شۇنداق ئەسكەرتىمىزكى، ئەگەر ئىمپورت مېۋىلەرنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، تاموژنا باش مەھكىمىسى 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى ئېلان قىلغان «دۆلىتىمىزنىڭ تەكشۈرۈش- كارانتىن قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن يېڭى مېۋە تۈرلىرى ۋە سىرتقا چىقارغۇچى دۆلەت، رايونلار تىزىملىكى»نى كۆرۈپ چىقىپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈشكە ئىجازەت بېرىلگەن مېۋە تۈرلىرى ۋە سىرتقا چىقارغۇچى جايلارنى ئىگىلەش، تىزىملىك بىلەن بىردەك بولمىغان ئىمپورت مېۋىلەرنى سېتىۋالماسلىق، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئامال بار ئىناۋىتى، نامى ياخشى سودا سارايلىرىنى تاللاپ ئىمپورت قىلىنغان مېۋىلەرنى سېتىۋېلىش، سېتىۋالغاندا تاۋار بەلگىسىنىڭ راست- يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش، ئىستېمال ئىسپاتىنى ساقلاپ قېلىش، ئەگەر بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.

 مۇنتىزىم مېۋە سودىگەرلىرىنى ساختا ماركىلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆز بەلگىسىنىڭ ساختىلىقنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مېۋىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

 ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئىمپورت مېۋە- چېۋە سودىگەرلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز، تاۋار ئۇچۇرلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، ئىمپورت مېۋە- چېۋە سودىگەرلىرىنىڭ مۇنتىزىم، مېۋىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ھەقىقىي، سېتىشنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

 ئالاقىدار تارماقلارنى ئىمپورت قىلىنغان مېۋىلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىشتىكى تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلىپ، مېۋە- چېۋە بازىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مېۋە- چېۋە بازىرىنىڭ سەمىمىي، تەلەپچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

 مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125