10- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدە، بىر چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسىنى يىغىۋېلىش مەزگىلى كەلدى، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئاپئاق پاختىلار تېز سۈرئەتتە ئۈزۈلۈپ، تايلىنىپ، ئاپتوموبىلغا بېسىلىۋاتاتتى، نەق مەيداندا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسى بىلەن، شۇ جاينىڭ پاختىچىلىقىدا ئەتىيازدا تېرىشتىن كۈزدە يىغىۋېلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ كېۋەز تېرىش تارىخى ئۇزاق، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن ئۇزۇن تالالىق پاختا تالاسىنىڭ يۇمشاق ۋە ئۇزۇن، سىلىق ۋە يۇمران، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ خەن فوتوسى
سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 24- كۈنى شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر كېۋەزلىكتە سۈرەتكە تارتىلغان تايلانغان پاختىلار.
10- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدە، بىر چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 24- كۈنى شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان كېۋەزلىك.
10- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر كېۋەزلىكتە، پاختىكارلار ئۇزۇن تالالىق پاختىنى تەكشۈرمەكتە.
10- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە، بىر چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە مەشغۇلات قىلماقتا.
10- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر كېۋەزلىكتە قاچىلاش ماشىنىسى تايلانغان پاختىلارنى ئاپتوموبىلغا باسماقتا.
10- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى بىر كېۋەزلىكتە، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى ئاپتوماتىك تايلانغان پاختىلارنى چۈشۈرمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)