2024- يىللىق شىنجاڭ ئاممىۋى «ئۈچ چوڭ توپ» بىرلەشمە مۇسابىقىسى (جەنۇبىي شىنجاڭ تارماق رايونى ۋاسكېتبول تارماق رايونى مۇسابىقىسى) يەنجى ناھىيەسىدە باشلاندى
09:13:05 2024-10-26 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 2024- يىللىق شىنجاڭ ئاممىۋى «ئۈچ چوڭ توپ» بىرلەشمە مۇسابىقىسى (جەنۇبىي شىنجاڭ تارماق رايونى) ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى يەنجى ناھىيەسىدە باشلاندى، شىنجاڭ بويىچە يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 10 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى.

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدانى تۇرپان ۋەكىللەر كوماندىسى بىلەن خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى بىلەن قومۇل ۋەكىللەر كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا، ماھىرلار تېز سۈرئەتتە مۇسابىقە ھالىتىگە كىرىپ، يۇقىرى ماھارەت سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى.

 «ئالدى بىلەن بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، كېيىنكى مۇسابىقىلەردە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىدىن ماۋ خەييۈ. 

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەرقايسى تۈر گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئالدىنقى تۆت كوماندىسى 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ۋاسكېتبول مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، رايون (شەھەر)دىكى كوماندىلار مۇسابىقىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ۋاسكېتبول ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

 «پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ ، بۇ سەھنىدە ئۆزىمىزنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ شەرىپىمىز»، دېدى قەشقەر ۋىلايىتى ئاياللار كوماندىسىدىن  ياڭ گوشۈ.

 «بىزمۇ مۇشۇنداق مۇسابىقە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ <ئۈچ چوڭ توپ> بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى، بولۇپمۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ساياھەتچىلىككە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ مەھەللىلەرگە، سودا چەمبىرىكىگە، مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شياۋشيا.

 (بايىنغولىن يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىختىيارىي مۇخبىرى: ما يۆ، لو جىۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125