10- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى 2024- 2025- يىللىق قىش ۋە ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى پىلانىنى رەسمىي يولغا قويىدۇ.
خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشتى ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، 10- ئاينىڭ 21- كۈنى قىش ۋە ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى پىلانىنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭى پەسىلدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى پىلانى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كورلا ئايرودۇرۇمىغا كىرىپ- چىقىدىغان 34 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە چېتىلىدىكەن، يەنى كورلا- دۇنخۇاڭ- جيايۈگۇەن، ئاقسۇ- كورلا- قومۇل، كورلا- موڭغۇلكۈرە- چۆچەك، كورلا- يەكەن، كورلا- قاراماي- غۇلجا، كورلا- تۇرپان- ئالتاي، كورلا- گۇچۇڭ- ئاقسۇ، كورلا- كۇچا- قەشقەر، كورلا- كېرىيە- قەشقەر، كورلا- چەرچەن- خوتەن، كورلا- بورتالا- قاراماي، كورلا- تۇمشۇق- غۇلجا، كورلا- ئارال- غۇلجا، كورلا- چاقىلىق- چەرچەن، كورلا- يەكەن- قەشقەر، كورلا- شىخەنزە، چۇڭچىڭ- كورلا قاتارلىق لىنىيەلەر.
بۇنىڭدىن باشقا، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى يەنە بىر قىسىم قىزىق نۇقتىلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زىچلاشتۇردى ۋە ئەلالاشتۇردى، كورلىدىن بورتالاغا، قارامايغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن كۆپەيتتى، ھەمدە كورلىدىن خوتەنگە، قەشقەرگە ۋە كورلىدىن تۇرپانغا، ئالتايغا قاتنايدىغان ئىككى مۇھىم ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. (مۇخبىر جىڭ لىجۈن)