ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جايلار كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئالدىراش پەسلىگە كىردى، دېھقانلار يىغىم پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمگەك مېۋىلىرىدىن ھوسۇل ئېلىپ خۇشاللىققا چۆمدى.
نۆۋەتتە، كورلا شەھىرى قوشئېرىق يېزىسىدىكى 3500 مو يەردىكى سىلوس قونىقى ئورۇش مەزگىلىگە كىردى، بۇ يېزا دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىلوس قونىقى ئورۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن يېتەرلىك يەم- خەشەك تەييارلىدى.
مۇخبىر قوشئېرىق يېزىسىنىڭ سايلىق كەنتىدە كومبايىننىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، قاتار- قاتار كۆممىقوناق شاخ- شۇمبىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىپ، توشۇش ئاپتوموبىلىغا چۈشۈۋاتقانلىقىنى، توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شاخ- شۇمبىلارنى ئانچە يىراق بولمىغان سىلوس ئورىسىغا توشۇپ، چىڭداپ دۆۋىلەۋاتقانلىقىنى، يىغىۋېلىش ئىش تەرتىپىنىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆردى.
«بۇ يىل مەن 60 مو يەرگە سىلوس قونىقى تېرىغان، بۈگۈندىن باشلاپ كومبايىن بىلەن ئورۇشنى باشلىدىم، ئۆزۈم 240 توننا سىلوس ياساپ زاپاس ساقلىۋالىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا 150 توننا سىلوس سېتىۋېلىپ، جەمئىي 390 توننىدىن كۆپرەك سىلوس تەييارلىۋالسام، بۇ يىل قىشتا قوي- كالىلىرىمغا يېتىدۇ», دېدى كورلا شەھىرى قوشئېرىق يېزىسى سايلىق كەنت ئاھالىسى تۇراجان ئابدۇرېھىم.
قوشئېرىق يېزىسى بۇ يىل ماشىنا، ئادەم كۈچىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، سىلوس قونىقى ئورۇش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، 12 مىڭ 250 توننا زاپاس يەم- خەشەك ساقلاپ، 81 مىڭ تۇياق كالا- قويغا قىشلىق يەم- خەشەك تەييارلاشنى پىلانلىدى. (مۇخبىر تۇرغۇن روزى)