«يۆتكىلىپ تۇرىدىغان خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت بەلگىلىمىسى»دە
ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) ئوقۇشقا چىققان
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنىڭ
يۆتكىلىپ تۇرىدىغان خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان
ئارخىپنى
شۇ شەخسنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئارخىپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى
مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇغانلار مۇلازىمەت مەركىزى
ساقلايدۇ
شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئېغىزى ئېچىلغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىنى يەنە ساقلىغىلى بولامدۇ؟
ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى
شۇ ئالىي مەكتەپ خىزمەت ئورنىغا ياكى
يۆتكىلىپ تۇرىدىغان خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا يۆتكەپ بېرىشى كېرەك
شەخس ئۆزى ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە ساقلاشقا بولمايدۇ.
ئەسلىدىكى ئوقۇغان ئالىي مەكتەپنىڭ
ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى قايتىدىن تەكشۈرگەن ۋە پېچەتلىگەندىن كېيىن
ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە يۆتكەپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭلار مائارىپىغا داۋاملىق قاتنىشىشىدىن شەكىللەنگەن
ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭلار مائارىپىغا قاتنىشىشىدىن شەكىللەنگەن
ئارخىپ ماتېرىيالى مائارىپ تەربىيەلەش تۈرىدىكى ئارخىپ ماتېرىيالىغا تەۋە بولىدۇ
كادىرلار ئارخىپى ۋە يۆتكىلىپ تۇرىدىغان خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كادىرلار ئارخىپىنى ساقلاۋاتقان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى يۆتكىلىپ تۇرىدىغان خادىملارنىڭ كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋاقتىدا ئارخىپلاشتۇرۇشقا تاپشۇرسا بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى