شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (146) | قاناستا قار ياغدى، كۈز تۈسى تېخىمۇ قويۇق بولدى
22:30:28 2024-10-25 تىيانشان تورى

تۆت پەسىل ئالمىشىپ، كۈز تۈسى تېخىمۇ قويۇق مەزگىلگە كىردى

قاناس مەنزىرە رايونىدا ياغقان تۇنجى قار ساياھەتچىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلىدى

پاختا زاۋۇتلىرىدا يېڭى پاختىلار جىڭلاپ يىغىۋېلىندى

ئېتىزلىقتا، قىپقىزىل لازىلار بېيىش يولىنى قىزارتتى...

كۈز پەسلىنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمى بىرلىكتە سىزىپ چىقىلدى

قاردا ئويناش

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىدا قار ئوينىماقتا. شۇ كۈنى، بۇ مەنزىرە رايونىدا قار ياغدى، ساياھەتچىلەر ئارقا- ئارقىدىن كېلىپ، كۈز بىلەن قار بىر- بىرىنى جۇلالاندۇرغان گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلاندى. ئارداق بېيىسقان فوتوسى

ئامبارلار لىق تولۇش

10- ئاينىڭ 14- كۈنى، سانجى شەھىرى لىمىڭ پاختا زاۋۇتىدا تايلانغان پاختىلار رەتلىك تىزىلغانىدى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئالتۇن كۈز پەسلىدە، سانجى شەھىرىدىكى 368 مىڭ مو يەردىكى ئەلا سۈپەتلىك پاختا ماشىنىدا يىغىۋېلىنىپ، مول ھوسۇل پەسلى كۈتۈۋېلىندى، پاختىكارلار ۋاقتىدا يىغىپ يۆتكەپ، پاختىلارنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

قىزىل رەڭلىك «گۈل» دېڭىزى

10- ئاينىڭ 14- كۈنى، دېھقانلار لازا ئۈزمەكتە. ھازىر، سانجى شەھىرى ديەنبا بازىرى شىگۇ كەنتىدىكى لازىلار ئۈزۈش پەسلىگە كىردى، قىپقىزىل لازىلار شاخلىرىغا تولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

قارا ئالتۇن تومۇرى

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان كۆمۈر يەتكۈزۈش كارىدورىغا بوشلۇقتىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). يېقىندا، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ كۆمۈر يەتكۈزۈش كارىدورى ۋە كۆمۈر ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى مەركىزى تۈرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ كارىدورنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 34.5 كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن كۆمۈر يەتكۈزۈش كارىدورى ھېسابلىنىدۇ. خې لۇڭ فوتوسى

شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش

10- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ يۈفېڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ قومۇل شەھىرىدىكى 400 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىدە تۇنجى 8.5 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئوڭۇشلۇق قۇراشتۇرۇلدى. بۇ تۈردە يەككە گېنېراتور سىغىمچانلىقى 8.5 مېگاۋاتلىق 32 شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە يەككە گېنېراتور سىغىمچانلىقى 15 مېگاۋاتلىق 15 تەجرىبە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئورنىتىش پىلانلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتىدىن بىرى يانداش سەپلەندى. ليۇ ياخۇي فوتوسى

ياڭاق سېتىش

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى باغ- ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى ياڭاقنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە شۇ جايدىكى باغ-ئورمانچىلىق تېرىقچىلىقىدىكى «يەرلىك مۇتەخەسسىس»لەر، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، «ئېلېكتىرونلۇق سودا + بىۋاسىتە كۆرسىتىش + قىسقا سىن» شەكلى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيەنىڭ خاس باغ- ئورمانچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ۋەلى قېيۇم فوتوسى

«ھۇجۇم»غا ئۆتۈش

10- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ توپچىسى پىتېرسون ھۇجۇمغا ئۆتۈپ گارغا توپ سالماقچى بولدى. شۇ كۈنى كەچتە، 2025- 2024 مۇسابىقە پەسلى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 3- ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا تۇردى. تۆت مەيدان ئېلىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 111 گە قارشى 114 نەتىجە بىلەن بېيكۇڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

كۈز پەسىللىك كۆچەت تىكىش

10- ئاينىڭ 19- كۈنى، قاراماي شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما شەرقىي ئايلانما يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى رايوندا كۈزلۈك كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ كۈزلۈك ئومۇمىي خەلق خالىسانە كۆچىتى تىكىش پائالىيىتى باشلاندى. مىن يۇڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125