يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاراتۆرۈك ناھىيەسى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق، كارخانىلارنى يېڭى سورتلارنى تىكىش، ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، جىغان ھوسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ھازىر، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدە جىغان ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 24 مىڭ موغا، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 4000 موغا يەتتى.
ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇركۆل بازىرىغا بارغىنىڭىزدا، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تۇتاش كەتكەن جىغانلىقتا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا ئالتۇن رەڭ بىلەن كۆك ئاسمان بىر- بىرىنى چاقنىتىپ، رەڭدار مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.
ئوپېراتور، كىرىشتۈرگۈچى: ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ھوشۇر ئىلياز