شاۋزاتنىڭ دادىسى ئارتۇق ئىئانە پۇلنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى
23:22:09 2024-10-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بۇ پۇلنى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان باشقا كىشىلەرگە بېرىڭ!

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق شاۋزات تۇغما يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قىزىتمىسى يانماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىر بولغانلىقتىن، 10- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچتە سىچۇەن داشۆ خۇاشى 2- دوختۇرخانىسى (جىنجياڭ دوختۇرخانا رايونى)غا يېتىپ بېرىپ، داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

 2700 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ، شاۋزاتنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا ئېلىپ بېرىش جەريانىنى ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى تولۇق بىۋاسىتە كۆرسەتتى. نۇرغۇن تورداش بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە شاۋزاتنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، شاۋزاتقا پۇل ئىئانە قىلدى.

 10- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچكىچە، شاۋزاتنى داۋالاشقا كېرەكلىك ئىككى مىليون يۈەن پۇل پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئىئانە قىلىشى بىلەن تولۇق يىغىلىپ بولدى، شۇنداق بولسىمۇ، يەنە كۆڭلى ئۇنىمىغان ئاقكۆڭۈل كىشىلەر داۋاملىق ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولدى.

 تور نامى «LIOUNA利欧纳» بولغان تورداش 10- ئاينىڭ 25- كۈنى چېڭدۇدا شاۋزاتنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، 300 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۇلارغا بەرمەكچى بولدى، لېكىن، شاۋزاتنىڭ دادىسى شاۋزاتنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا كېرەكلىك پۇلنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقىنى، ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىئانىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئىئانىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا «LIOUNA利欧纳» ناملىق تورداش «ئەمالار ئۇۋۇلاش دۇكىنى ئېچىپ قالسىڭىز ئىشلىتىڭ» دەپ 50 مىڭ يۈەننى تەستە شاۋزاتنىڭ دادىسىغا تۇتقۇزدى.

سىن كۆرۈنۈشى مەنبەسى: LIOUNA利欧纳@ دوۋيىن نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125