ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.19 ئاشتى
08:01:02 2024-10-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى 155 مىليارد 358 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.19 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ 27 ئۆلكىدىكى شىركىتى ئىچىدە باش ئورۇندا تۇرۇپ، سىجىل يۇقىرى ئېشىشنى ساقلىغان.

توك سېتىش مىقدارى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان «بارومېتىر.» ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك سېتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە سېتىلغان توك مىقدارىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا 2- كەسىپ بويىچە سېتىلغان توك مىقدارى 100 مىليارد 196 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.78 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي توك سېتىش مىقدارىنىڭ %64.49ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى توك سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى «ئاساسىي قوشۇن» بولغان.

كونكرېت ساھەلەر بويىچە سېتىلغان توك مىقدارىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى سانائەت، قاتناش- تىرانسپورت- ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپى، قونالغۇ ۋە يېمەك- ئىچمەك كەسپىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ بويىچە سېتىلغان توك مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى بىردەك %20تىن ئېشىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا %23.48، %21.53، %20.99 ۋە %20.3كە يېتىپ، تىجارەت تەرەققىيات يۈزلىنىشى سىجىل ياخشىلانغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تۇتقا قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» خېرىدارلىرىغا جەمئىي سېتىلغان توك مىقدارى 37 مىليارد 917 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.39 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى، يېشىل كانچىلىق كەسىپلەر توپى توك سېتىش مىقدارى جەھەتتە ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەڭ تېز بولغان ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.99، %12.52 ئاشتى.

توك سېتىش مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تىجارەت- سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ئەلالاشتۇرۇلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ بازارلاشتۇرۇلغان بىۋاسىتە سودا خېرىدارلىرى سانى 85 مىڭ 800 گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.35 ئاشتى، بازارلاشتۇرۇلغان بىۋاسىتە سودا توك مىقدارى 85 مىليارد 938 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.06 ئاشتى.

ياخشى بولغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تىجارەت- سودا مۇھىتى يەنە شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى خېرىدارلار سانىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى. 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي تىجارەت خېرىدارى سانى 13 مىليون 227 مىڭ 100گە يېتىپ، 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 430 مىڭ 800ىكۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاھالە ۋە سودا- سانائەتچى خېرىدارلارنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 372 مىڭى ۋە 47 مىڭ 900ى كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125