بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش
08:07:18 2024-10-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا دىققەت رايون خاراكتېرلىك باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

«قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىدىكى بىرقانچە يىغىلىش- تارقىلىش ئورنى، ئاپتوموبىل كۇلۇبى قۇرۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت قىلىش، كۆرۈش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قاتارلىق تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىساد كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بېرىمەن» «سىياسەتنى ئىجرا قىلىش نازارەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنسا»...

10- ئاينىڭ 21- كۈنى، يېڭى بىر قارارلىق شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئېچىلدى. «كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، 12 نەپەر كارخانىچىلار ۋەكىلى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) ۋە بىڭتۇەننىڭ تۆت شى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كېڭەشتى ۋە سۆھبەتلەشتى، كۆپچىلىك كەسىپ ھەم كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ، تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلەپ، تەكلىپ بېرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ماسلىشىش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ھەمتۈرتكە بولۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش مەسىلىسىنى ئورتاق ھەل قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش   چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلىش

شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىرلىكتە قۇرغان يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش سۇپىسى بولۇپ، 2022- يىلى 12- ئايدا تۇنجى قېتىم ئېچىلغان، ھازىرغىچە تۆت قېتىم ئېچىلدى.

ھەر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىنىڭ باش تېمىسى ئىنتايىن ئېنىق: ئەلا سۈپەتلىك تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئالدىنقى ئۈچ قېتىمقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا دىققەت رايون خاراكتېرلىك باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» چۆرىدىلىپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ باش تېمىسى نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا مەركەزلەشتۈرۈلدى؟

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رۇڭ جۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كارخانىلار بىلەن ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان، جىددىي كېڭىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ كېڭىشىش قارالمىلىرىنى تاللاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلەپ، ئاخىرىدا «كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى بېكىتتى.

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. بۇ «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرغاندىلا، پۈتۈن تاختا شاھماتتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش سۈپىتىدە ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇردى. بولۇپمۇ بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئۇدا ئۈچ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى ئېچىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنىنى ئېچىپ، بىرقانچە سىياسەت- تەدبىرنى تۈزۈپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

سىياسەت جەھەتتە سالماق زورايتىلدى، مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قارىتا سەككىز جەھەتتىكى 37 تۈرلۈك قىممىتى يۇقىرى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ تۈرگە كۈچ سەرپ قىلىندى، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ئورۇنلىشىشىغا ئالدىن مەدەت بېرىلىپ، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور»ى تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش كۈچلۈك بولدى، بۇ يىل خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ھەقلىق بېرىلگەن 127 كانچىلىق ھوقۇقى تۈرى ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدا جەمئىي 79ىبار؛ ئىچكى- تاشقى جەھەتتە ئېچىۋېتىشكە كۈچ سەرپ قىلىندى، بۇ يىل جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان تۇنجى قېتىم بەدەل پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى يەنىمۇ گەۋدىلەندى.

ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، ياخشى پۇرسەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش جەريانىدا چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

چوڭقۇر قاتنىشىش   ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى كەڭ كارخانىلارنىڭ چوڭقۇر قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بارغانسېرى كۆپ كارخانا جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلىشىشنى تاللىدى.

شىنجاڭ زۇڭخېڭ تۇرۇبا ياساش چەكلىك شىركىتى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. 2023- يىلى 3- ئايدا، بۇ شىركەت كۇنيۈ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى ھەم پۈتۈن شىنجاڭدا يەتتە شۆبە زاۋۇت قۇردى، يىللىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 100 مىڭ توننىغا يەتتى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 750 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

«بىز تىرىشىپ تېخىمۇ ئىلغار، مۇھىت ئاسرايدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەينەك پولات تۇرۇبا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئۆز جايىمىزدىكى بازارلارنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى بازارلارنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىمىز.» بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ زۇڭخېڭ تۇرۇبا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى رېن ۋېنچاڭ ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ يۇقىرى ئېقىندىكى كەسىپلەرگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈش؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

شىنجاڭ باۋخاڭ تىتان ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 5- ئايدا ئاتۇش شەھىرىگە ماكانلاشقان كارخانا. بۇ شىركەت يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بولۇشنى چۆرىدەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تىتاننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ توپىنى بەرپا قىلدى.

قىزىلسۇ ئوبلاستى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ باۋخاڭ تىتاننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ بو سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئاخىرلاشمايدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ سېلىنما سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بەردى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇۋاتقان «يېڭى ھاياتىي كۈچ» بار بولۇپلا قالماي، يەنە يەرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلگەن نۇرغۇن كارخانا بار. باش ئىشتابى سانجى شەھىرىگە جايلاشقان جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى 2010- يىلىدىن باشلاپلا جەنۇبىي شىنجاڭدا كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىغان، بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا مۇستەقىل مەبلەغ سالغان بەش شىركەتنى تىجارەت ئەمەلىي گەۋدىسى قىلىپ قۇرۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش ۋە سېتىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

شىنجاڭ گۇەننۇڭ گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دىققەتنى يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 مىليارد دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ گۇرۇھىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

قىزغىن سۆيگەچكە، يىلتىز تارتتى؛ بۇرچ بولغاچقا، ئارزۇ قىلدى. سۆھبەت يىغىنى نەق مەيدانىدا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقان بۇ كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بەس- بەستە سۆز قىلدى، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

«بەزى ئىش بېجىرىش رەسمىيەتلىرى يەنىلا بىرقەدەر مۇرەككەپ، ئۈنۈم يۇقىرى ئەمەس» «پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئوبوروت بېسىمى چوڭ» «<جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئېتىبار سىياسىتى + ھۆكۈمەت- بانكا- كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقى> خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مالىيە- باجدا ئېتىبار بېرىش، مالىيە مۇكاپاتلىق ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە سالماقنى زورايتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىش تەكلىپى بېرىمەن» «ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى يېتەرلىك ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپى بېرىمەن»...

ھەم مەسىلە سۆزلەندى، ھەم تەكلىپ ئۈستىدە توختالدى، ھەم ئارزۇ- ئىستەكلەر ئۈستىدە پاراڭلاشتى، ھەم تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنداق سەمىمىي، ئوچۇق- يورۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ھەم ئەقىل- پاراسەت ئۇچقۇنلىرى بار، ھەم پىكىرنى ئىپادىلەش بار. چوڭقۇرلۇقى بار، يارقىن نۇقتىسى بار، قىممىتى بار پىكىر- تەكلىپلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ئاساسىي ئەھۋالنى نامايان قىلىش   ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش

سوئال سوراش بار، جاۋاب قايتۇرۇش بار، مانا بۇ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش. شۇ كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) ھەم بىڭتۇەننىڭ تۆت شى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە كارخانىچىلارغا خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، كارخانىچىلارنى كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

«ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بايلىقى مول، كەسىپ ئاساسى پۇختا، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن <توققۇز چوڭ كەسىپ توپى>نىڭ ھەممىسى ئاقسۇدا بار.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى سۆھبەت يىغىنىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، يېزا ئىگىلىك بايلىقى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسىپ توپى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەم كارخانىچىلارغا زەيتۇن شېخى سۇندى، «بىز ئىنچىكە نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلدۇق، تۈرگە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە يەنىمۇ ھەمكارلىشىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى تۈرى، زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ئاقسۇغا ماكانلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز».

«ھازىر، قەشقەر ۋىلايىتى كۆپ خىل تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭ گىرەلەشمە مەزگىلى، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىشنىڭ كۆزنەك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، ئىستىقبالى پارلاق.» قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: قەشقەر بولسا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدا تەسىس قىلغان بىردىنبىر بۆلەك رايون، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىغا ئىگە نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش رايونى بولۇپ، ئۆزگىچە سىياسەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

«بىز دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ <توققۇز چوڭ كەسىپ توپى>غا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ <ئون چوڭ كەسىپ> تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز.» ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى سىجىل ئۆزگەرتىپ، كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز.

تۇمشۇق شەھىرى جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدىكى تۈگۈن شەھەر، بۈگۈنكى كۈندە بۇ شەھەرنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك بازىسى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، يېمەكلىك پىششىقلاش بازىسىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، ئەشيا ئوبوروتى يىغىش- تارقىتىش بازىلىرىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۇنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى بولغان تەرەققىيات ئىستىقبالى ئوخشاشلا نۇرغۇن كارخانىچىنىڭ نەزەرىنى جەلپ قىلماقتا.

چىنار دەرىخىنى ياخشى تىككەندىلا، ئاندىن ئالتۇن سۇمۇرغنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. كارخانا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر ھالقا.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئېچىلىپ، جەمئىي توققۇز شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، بۇنىڭدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست، بىڭتۇەندىكى تۆت شى شەھەرنىڭ كارخانىچىلارنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر بىلەن يۈزتۇرا كېڭىشىش تۈزۈمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېقىن، پاك ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشى، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇش مەقسەت قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125