−سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى
10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن بولۇپ توققۇز كىشى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە گۇۋاھ بولدى.
10- ئاينىڭ 20- كۈنى، ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ مۇزېيىغا كەلدى، بۇ يەردە «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئۇلار پات- پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ ئۆزگىچە ساقلانما بۇيۇملاردىن ھۇزۇرلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى سورىدى، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلگەن بىر قاتار مۇھىم دەلىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.
شىنجاڭنىڭ سەھىيە- ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئېكسكۇرسىيە- زىيارىتىدىكى مۇھىم نۇقتا بولدى. 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا، ئۇلار يىراق مۇساپىلىك تېبابەت مەركىزى، سۈپەتنى تىزگىنلەش مەركىزى، يۇقىرى قان بېسىم دىياگنوز قويۇش- داۋالاش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، داۋىنچ ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش مەشغۇلاتىنى كۆردى. ۋاڭ يىكاڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن، قايىل بولدۇق.
شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى (شىنجاڭ خەلقئارا دوختۇرخانىسى) تۈرى ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھەسسىلەپ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار تۈرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، بۇ تۈر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش- ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارىدى.
شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا 1954- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى ۋە جىگەر كۆچۈرۈش قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئەۋزەل پەنلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىغا تونۇلغان. بۇ چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا، ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۆلكە، مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىز بوشلۇقى تېبابىتى تەجرىبە ئوقۇتۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەتقىقات ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات تەرەققىياتىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تەجرىبىخانا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار يەنە ئوقۇتۇشتىكى تەقلىدىي باش مودېل سىستېمىسى قاتارلىقلارنى زور قىزىقىش بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى داۋشياڭچۈەن كەنتىدە، ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يېزا- كەنت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، سوقما تامدىكى ھۈنەر- سەنئىتى مۇرەككەپ بولغان نەقىشلىك ئىشىك- دېرىزىلەر، يۇغۇرۇلۇپ، گىرەلىشىپ كەتكەن كۆپ خىل ئۆزگىچە ئىمارەتلەر، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى ھەمدە خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغان مەززىلىك تائاملارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمىدى؛ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى خۇڭخەي مەنزىرە رايونى، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى داۋاكۆل قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، ئۇلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان مەنزىرىلەردىن شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ھېس قىلدى...
بەش كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ھەقىقىي ئەھۋالى ۋاڭ يىكاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋېتىپتۇ، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدىكەن، بۇ يەر تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ گۈزەل ئىكەن، ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇشتۇرىمىز.