ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
10- ئاينىڭ 21- كۈنى، «جۇڭگودا ئۇچرىشىش . شىنجاڭدا ئۇچرىشىش» 2024- يىللىق خەلقئارا تاراتقۇلار زىيارەت پائالىيىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كىردى، رۇسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . تاغلاق كەنتىگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى.
«چىرايلىق، بەك چىرايلىقكەن.» رۇسىيەدىن كەلگەن سىلاۋا يول بويى ھاياجانلىنىپ، پات- پات يان تېلېفونىنى چىقىرىپ يول بويىدىكى مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتتى. مەنزىرە رايونىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ: «مانا بۇ ئارزۇيۇمدىكىدەك مەنزىرە ئىكەن، تاغ بار، سۇ بار، ئوتلاقمۇ بار» دېدى.
«كەڭ تەبىئەتنىڭ تىنچ گۈزەللىكىدىن مەن ناھايىتى جىمجىتلىق ھىس قىلدىم، پۇرسەت بولسا چوقۇم يەنە كېلىمەن.» كولومبىيەلىك ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىسى گاۋ فېي مۇنداق قارىدى: تومۇز كۈنلىرىدىكى ئوتلاققا سېلىشتۇرغاندا، كۈز كۈنلىرىدىكى ئوتلاق مەنزىرىسى ئۆزگىچە ئىكەن. ئاتلار بەخىرامان ئوتلاۋاتاتتى، ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى بىر ئىستاكان ئىسسىق ئىچىملىكنى كۆتۈرۈپ، قەھۋەخانىدا ئولتۇرۇپ دېرىزە سىرتىدىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى، بەزىلىرى ئات مىنىۋاتاتتى، سەيلە قىلىۋاتاتتى، يەنە بەزىلىرى ھېچ ئىش قىلماي، مەنزىرىگە قاراپ ھاڭۋېقىپ قالغانىدى... خۇددى تاغلاق كەنتىدىكى تاختايغا يېزىلغاندەك، بىر ھويلىنى ئىزدەپ، بىر پارچە كىتابنى كۆتۈرۈپ، بىر ياخشى كىشىنى كۈتۈپ، تاغلارغا نەزەر سېلىپ، ئەركىن- ئازادە يۈرگەنگە ئوخشايتتى.
ئىتالىيەلىك فوتو سۈرەت ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىسى فابىئوۋ تېلېكامېرانى بىپايان ئوتلاق، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغلارغا، يەنە يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرگىلى بولىدىغان چېدىر ۋە ياغاچ ئۆيلەرگە توغرىلىدى، «گۈزەل تاغلىق رايوننىڭ مەنزىرىسى يۇرتۇمغا بەك ئوخشايدىكەن، بۇ خىل تونۇش تۇيغۇدىن ناھايىتى يېقىملىق ھىس قىلدىم.» ناتونۇش جايدا، ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن بىر خىل تەسىرلىنىشنى بايقاش − تاغلاق كەنتى ساياھەتچىلەرگە مۇشۇنداق قەلبتىن ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
«تاغلاق كەنتىگە كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز.» مەنزىرە رايونى چۈشەندۈرگۈچىلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئانارگۈل ئەسقەر ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر پۈتۈن كەنتتىكى %70 كەنت ئاھالىسى مەنزىرە رايونىدا خىزمەت قىلىدۇ، ھەر ئايدا مائاش ئالىدۇ، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشى ئائىلىۋى مىھمانخانا ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ دېھقان ئۆيلىرىنى ئائىلىۋى مىھمانخانىغا ئايلاندۇردى، ھويلىسىنى گۈللۈككە ئايلاندۇردى، تاماق ئېتىدىغان ئۆيىنى ئاشخانىغا ئايلاندۇردى، ئائىلە كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
گاۋ فېي مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ئىقتىسادقا شۇنچە پايدىلىق، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرمۇ بۇ يەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزگەرتىش، كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشنى تېخىمۇ خالايدۇ».
ھازىرقى تاغلاق كەنتى بارغانسېرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى، 24 سائەت تىجارەت قىلىدىغان قاۋاقخانا، كۆپ خىل ئۇسلۇبتىكى قەھۋەخانا، پويىز ئاساسىي تېما قىلىنغان مېھمانساراي، ۋاڭخۇڭ پەلەك شوتىسى قاتارلىق قىزىق داكا تۈرلىرى بار. ھازىر، مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىگە جىددىي تەييارلىق قىلىنىۋاتىدۇ. تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . تاغلاق كەنتى مەنزىرە رايونىنىڭ باش دىرېكتورى خوۋ ليەنشىن ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: رەڭگارەڭ ئەڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ قىش پەسلىدە يەنە كېلىپ قار- مۇزنى تاماشا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.