ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 16دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 40.98 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.93 گىرادۇس)دە 5.5 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر. تەۋرەش مەركىزى تارىم بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، چۆللۈككە تەۋە، تارىم بازىرى ساۋخۇ 2- كەنتى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25.6 كىلومېتىر، تارىم بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 35.6 كىلومېتىر، كۇچا شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 113.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇچا شەھىرى، شايار ناھىيەسى، بۈگۈر ناھىيەسىدە ۋاقتىنچە مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
كۇچا شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا يېنىك تەۋرەش سېزىمى بولدى، ھازىرغىچە ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋېلىنمىدى. ھازىر كۇچا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ خەۋەرلىشىش تورى نورمال، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىنىشى نورمال. كۇچا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەۋەتتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)