ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
18:59:30 2024-10-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

4- پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم يوليورۇقى ھەم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت تەلىپىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، مەملىكەتلىك كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىي يۈرۈشۈش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپ توپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، رايون زور ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيەنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە تۈرلۈك باغچە رايونلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، غەربكە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە «ياشانغانلار ھەرىكىتى» پېشقەدەم پىدائىيلار ۋەكىللىرى، 2024- يىللىق خەلقئارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يىغىنى، ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق مۇكاپات تارقىتىش كەچلىك زىياپىتى، جۇڭگو خەلقئارا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى 12- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يولداش ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئېلىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش ۋاڭ خۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئۇلىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چېگرادا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاپ، قەتئىي تۈردە زوراۋانلىق، تېررورلۇق خەۋپ- خەتىرىنى بىخ ھالەت باسقۇچىدىلا تۈگىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەت، دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئالىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ياخشى باشقۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى سىجىل جانلاندۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەملىكەتلىك كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن ھوقۇقنى باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى كادىرلارنى تاللاش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق پۈتكۈل جەرياننىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئىشنى ياخشى قىلالماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە چىڭ قادىلىپ، نازارەتچىلىكنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيە بىرلەشتۈرۈلگەن ئىنتىزام تەربىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش خىزمىتى كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە، كاپالەتنى تۆۋەنگە مايىللاشتۇرۇشقا، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش، تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى مۇھىم رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە 4- پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، دەل جايىدا ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كۈچەپ ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشۇرۇلما مىقدارنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى زىچ چىقارغان بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەت پۇرسىتىنى تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى سىستېمىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نېفىت- تەبىئىي گاز ئېلىش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش نىشان- ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاپ، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى نۇقتىلىق شامال ئېلېكتىر تۈرلىرىنى يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈپ تورلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چوڭ تۈرلەرنىڭ يېتەكلىشىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى مۇھىم» تۈر، «ئون تور» قۇرۇلۇش تۈرى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ۋە «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىنى سىجىل كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرلۈك ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ كۆلەمنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە كۆپ مىقدارلىق چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ياخشى تۇتۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، 2024- يىلىدىكى ئون خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كۈز، قىش پەسلىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125