ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش
10:21:20 2024-10-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش

 − پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا لېكسىيە سۆزلىدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار زوۋ ئەيشۈەن، سۈيۈنباي تۇرسۇننالى

 شەھەر مەھەللىلىرىدىن ئورگان، ئالىي مەكتەپلەرگىچە، مۇزىكا، كۇەيبەر، ئويۇن قويۇش، لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، ئەتراپىدىكى تىپلار، ئەتراپىدىكى ھېكايىلەرنى نەزەرىيە لېكسىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئاممىغا يېقىن تىل بىلەن، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولدى.

 «<خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش>نى يىلمۇيىل ياخشى بېجىردۇق. قايسى ئون ئىش؟ يولداشلار سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار. كونا ئولتۇراق رايونلار يېڭى تۈسكە كىردى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەرنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتى ياخشى بولدى، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى...» 10- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاتۇش شەھىرىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى دىنار نۇرباقىت كۇەيبەر ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلەپ نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئارقىدىن، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ باشقا تۆت ئەزاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى.

 «لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئېكولوگىيەنى تۈزەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەم مۇھىت ئۆزگىرىشىنى، ھەم مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىنى سۆزلەپ، <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> ئىدىيەسىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ چۈشەندۈردى، بۇنىڭدىن مەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم». لېكسىيەنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاتۇش شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پېڭ خۇڭفاڭنىڭ كۆڭلىدە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلغاندا ئالاقىدار كەسىپ ئۇچۇرلىرىنى ئاممىغا جانلىق يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقى تېخىمۇ ئايان بولدى، «كىچىك بۆسۈش ئېغىزى ئارقىلىق چوڭ داۋلى سۆزلەپ، كەسپىمىزگە مۇناسىۋەتلىك پۇقرالار ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قېزىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بىزنىڭ بۇ كەسپىمىزنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

 بۇ قېتىمقى لېكسىيە پائالىيىتى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئون يېزا- بازار(كوچا باشقارمىسى)نى قاپلىدى، جەمئىي 1000دىن ئارتۇق كادىر، ئامما تەربىيە ئالدى.

 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى ئاقچى ناھىيەسىگە كېلىپ مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «لېكسىيە + سىن» شەكلىدە، جانلىق مىساللار، جانلىق چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى جانلىق بايان قىلدى، نەق مەيداندىكى كادىرلار، ئامما ئىشتىياق بىلەن ئاڭلاپ، چوڭقۇر ئىلھام ئالدى.

 «لېكسىيە بىزنىڭ پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىز ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىمىزنى ئۇرغۇتتى». لېكسىيەنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاقچى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 1- ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ 4- دەرىجىلىك مۇدىر ئەزاسى ساۋ شياڭياڭ مۇنداق دېدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمدە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن، پۈتۈن يىللىق خىزمەت ۋەزىپەمنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

 ئاقچى ناھىيەسى ئاقچى بازىرىنىڭ ساغلاملىق يولى مەھەللىسىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى رىزۋانگۈل مەمەتجان چوڭ داۋلىنى كىچىك ھېكايىلەرگە سىڭدۈرۈپ، يېزىق تىلىنى ئاددىي سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق يېڭى سىياسەتلەرنى چۈشەندۈردى. «بۇ قىممەتلىك پائالىيەت ئارقىلىق، مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچىمنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق لېكسىيەدىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۆپ ئۆگىنىپ، كۆپ ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشەندۈرىمەن» دېدى ئۇ.

 «بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ شەكلى جانلىق، مەزمۇنى مول بولۇپ، مېنى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى». ئاقچى بازىرى ساغلاملىق يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرى روزىبۇبى مەمەتتۇردى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىمقى لېكسىيەدىن ئالغان ھاسىلاتىمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىم بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىمەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125