«بىز گۈزەللىك ۋە بەختنى ھېس قىلدۇق»
10:25:17 2024-10-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «بىز گۈزەللىك ۋە بەختنى ھېس قىلدۇق»

 − كۆپ دۆلەت دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر، پىراكتىكانت ليۇ دەن

 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە، كۆپ دۆلەت دىنىي زاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ، مۇزېي، مەسچىت، كارخانا، مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارغا كىرىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق ۋە ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

 ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئاي دەل ئەڭ گۈزەل مەزگىل، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھەت رايونى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى كېسىشىپ تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان كوچىلار، گىرەلىشىپ كەتكەن قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنى جەلپ قىلدى، ئۇلار بەس- بەستە يان تېلېفونىنى چىقىرىپ داكا قىلىپ سۈرەتكە تارتتى.

 «جۇڭگو شىنجاڭدا بىز گۈزەللىك ۋە بەختنى ھېس قىلدۇق. بۇ يەرنىڭ ساياھەت بازىرى قىزىپ كېتىپتۇ، كىشىلەرنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم ناھايىتى تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن، مەن بۇ خىل تۇيغۇغا ئىختىيارسىز چۆمدۈم.» ئىران دىن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇساۋى مۇنداق دېدى: ئىران بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭخاڭ مەسچىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتى، غۇلجا شەنشى چوڭ مەسچىتى قاتارلىق جايلاردا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئالقىشلىدى. «جۇڭگو شىنجاڭدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى تولۇق ھۆرمەتلىنىپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپتۇ» دېدى مىسىر ئەزھەر ئالىملار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باخىت.

 ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، نۇرغۇن سۈرەت، سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، ئۇلار تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بوپتۇ، بىز چوڭقۇر ئىلھام ئالدۇق.» ئىراق شىئە مەزھىپى دىن فوندى مەھكىمىسىنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئېھسان جارباچ مۇنداق دېدى: تېررورىزم چېگرا ئايرىمايدۇ، دىن ۋە دۆلەتمۇ ئايرىمايدۇ، ئىراقمۇ بۇنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىغان، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورىزمنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى يىرىك پىلان سارىيىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىش مەنزىرىسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدا شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ۋەزىيىتىگە گۇۋاھ بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئامىنە ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلاردا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئىلغار ماشىنا- ئۈسكۈنىلەر، زامانىۋىلاشقان كارخانا مۇھىتى، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

 «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپتۇ.» پاكىستاننىڭ دىن ئالىمى سەيىد باجا ئاگا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى نۇرغۇن داڭلىق كارخانىلار ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىپتۇ، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ مۇزېيىدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قويۇق تۈسىنى ۋە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىدا شەھەرنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى ئىگىلىدى، جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇ كەنتىدە شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ گۈزەل، رەڭدارلىقىنى ھېس قىلدى.

 «جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.» ھىندونېزىيە ئىسلام دىنى زاتلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىمران روسياد خەمىد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپتۇ، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نۇرغۇن سىياسەتلەرنى چىقىرىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپتۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدىلىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىپتۇ.

 ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا تۇرغان ۋاقتىمىز گەرچە قىسقا بولسىمۇ، لېكىن چەكسىز گۈزەل، ئۇنتۇلغۇسىز بولدى، شىنجاڭنىڭ ئىناق، تىنچ جەمئىيەت كەيپىياتى، ئىقتىساد گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك ۋەزىيىتى، دىنلار ئىناق، رايىش ياخشى ۋەزىيىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق. بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە- زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125