جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى سىنگاپور، مالايسىيا ۋە ياپونىيەگە بېرىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۇڭجىڭ، 10- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇ شياۋگې) 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى سىنگاپور، مالايسىيا ۋە ياپونىيەگە بېرىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.
سىنگاپوردا، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى «گۈزەل شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل ھېكايىسى»نى باش تېما قىلىپ، نەنياڭ ئىلمىي جەمئىيىتى، سىنگاپور جۇڭگو جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىغا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى ھەم چوڭقۇر مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى، سىنگاپور پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مىللەت، دىن ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى؛ مالايسىيادا، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى «كۆپ نۇقتىدىن ھەقىقىي شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نى باش تېما قىلىپ، ئىناق تاراتقۇ قابىللار مۇنبىرى ئۆتكۈزدى ھەم شۇ جايدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، مالايسىيا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى، پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مالايسىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ كېڭىشىش نەق مەيدانىنى كۆردى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئورتاق تەدبىر تۈزۈش جەمئىيىتى، مالايسىيا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، مالايسىيا خۇارېن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، مالايسىيادىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلاردىن ھال سورىدى؛ ياپونىيە دۇڭجىڭدا، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ياپونىيە- جۇڭگو دوستانە دىن ساھەسى سەمىمىي سۆھبەت جەمئىيىتى، دوستانە زات شياۋداۋ كاڭيۈ، چۇاڭجيا ئىلمىي جەمئىيىتى، زاۋداۋتيەن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، سۆھبەت ئۆتكۈزدى، «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئىلگىرىلىگەنلىكى»نى باش تېما قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەم ياپونىيە تەرەپ تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، مۇتەخەسسىس- ئالىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى؛ ياپونىيە دابەندە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ياپونىيە گۇەنشى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى، يەرلىك تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، ياپونىيە خەلق ئىچى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، پىكىر ئالماشتۇردى.
ئالماشتۇرۇش مەزگىلىدە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئۈچ دۆلەتكە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ساياھەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ مىسلىسىز گۈللەنگەنلىكى، دىنلارنىڭ ئىناق، رايىشلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن شىنجاڭنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق تونۇشتۇردى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان- ياۋىداق سۆزلەر، بىمەنە سەپسەتىلەرگە بىر- بىرلەپ رەددىيە بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ دۆلەتتىكى دوستانە زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپەتتە دۇنياغا قۇچاق ئاچماقتا، ھەرقايسى تەرەپلەرنى شىنجاڭغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە، ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نەق مەيداندا ھېس قىلىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.
ئۈچ دۆلەتتىكى زاتلار شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى، قويۇق تارىخىي مەدەنىيىتى، مول، رەڭدار ئادىمىيەت ئۆرپ- ئادەتلىرى ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر باراۋەرلىكى، دىنلار ئىناقلىقى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى ھەم قانداق قىلىپ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر دۇنياۋى قارالما ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)