چاڭجياڭ دەرياسى قىسقۇچپاقىسى قۇملۇق بويىغا ماكانلاشتى
10:42:44 2024-10-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 چاڭجياڭ دەرياسى قىسقۇچپاقىسى قۇملۇق بويىغا ماكانلاشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

 10- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتە، مارالبېشى ناھىيەسىدە كۈزدىكى قۇياش پارلاپ تۇراتتى. بىر كىچىك كېمە ئاناركۆل سۇ ئامبىرىدا يىراقتىن كېلىپ قىرغاقتا توختىدى، باقمىچى ۋاڭ فېي ۋە ئىشچىلار بىر تۇڭ قىسقۇچپاقىنى كۆتۈرۈپ كېمىدىن چۈشتى، ئارقىدىن ئايرىش، جىڭلاش، سېتىش بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

 «چاڭجياڭ دەرياسى قىسقۇچپاقىسىدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، بۇ يىل مۆلچەرىمىزچە 2 مىليون 800 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز» دېدى ۋاڭ فېي قولىدىكى ئىشنى قويۇپ تۇرۇپ مۇخبىرغا.

 46 ياشلىق ۋاڭ فېي يېرىم شىنجاڭلىق ھېسابلىنىدۇ. 2014- يىلى، ئۇ جياڭسۇدىن شىنجاڭغا كېلىپ، كېۋەز ئۇرۇقى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىقلارنى ساتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى.

 ۋاڭ فېي ئىنتايىن ئىشچان بولۇپ، پۇل تېپىش پۇرسىتىنى كۆرسىلا بوش قويۇۋەتمەيتتى. مۇشۇ يىللاردا، ئۇ مارالبېشى ناھىيەسىدە ئوغۇت زاۋۇتى قۇردى، كېۋەز قاتارلىقلارنى تېرىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلاپ، ھېچقانداق يەم- خەشەك ئىشلەتمەيدىغان «يېشىل» قىسقۇچپاقا بېقىشنى پىلانلىدى. 

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يەرلىك قىسقۇچپاقا، چوڭ راك قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تاپتى، بۇ سۇ مەھسۇلاتلىرى تورداشلار تەرىپىدىن «شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى» دەپ ئاتىلىپ، تور ۋە تور سىرتىدا بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ بەكلا ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. 

 مارالبېشى ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇملۇقنىڭ يېنىدا قىسقۇچپاقا بېقىش ئاسان ئىش ئەمەس، ئاساسلىقى مۇۋاپىق سۇ رايونى تېپىش تەس ئىدى. 

 نەچچە قېتىملىق ئىزدەش، سېلىشتۇرۇشتىن كېيىن، ۋاڭ فېي ئاناركۆل سۇ ئامبىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۇ ئامبىرىنى تاللىدى. بۇ ئىككى سۇ ئامبىرى ئاساسلىقى ئەتراپتىكى ئېتىزلارنى سۇغىرىش سۈيى بىلەن تەمىنلەيدۇ، سۇ رايونىنىڭ كۆلىمى 90 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، سۇدا ئوت- چۆپ، بېلىجان، راك قاتارلىقلار بار. «مەن تەپسىلىي تەكشۈردۈم، سۇ ئامبىرىدا تەبىئىي يەم مول بولۇپ، قىسقۇچپاقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلەيدۇ.» ۋاڭ فېي مۇنداق دېدى: سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجىز ئىشقارلىق سۇغا تەۋە بولۇپ، تەركىبىدە مىنېرال ماددا ئېلېمېنتلىرى مول، قىسقۇچپاقا بېقىشقا ماس كېلىدۇ. 

 قىسقۇچپاقا بېقىشتا قىسقۇچپاقا قۇمچىقىنى تاللاش ئەڭ مۇھىم بولۇپ، قىسقۇچپاقا قۇمچىقى ساغلام بولۇشى، كېسەللىك باكتېرىيەسى بولماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن زور تۈركۈمدە ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 ۋاڭ فېي شەرقىي شىمال رايونىدىن بىر خىل سورتلۇق قىسقۇچپاقا قۇمچىقىنى سېتىۋېلىپ، بۇلتۇر 3- ئايدا بېقىشقا قويۇپ بەردى، نەتىجىدە بۇ سورتتىكى قىسقۇچپاقا قۇمچىقىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %70تىن كۆپرەككە يەتتى. 6- ئايدا، ئۇ شاڭخەيدىن ئۈچ مۇتەخەسسىسنى نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. 

 مۇتەخەسسىسلەر «چاڭجياڭ دەرياسى سۇ رايونىدىكى قىسقۇچپاقا بۇ يەردە بېقىشقا ماس كېلىدۇ» دېدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، ۋاڭ فېي ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 9.2 توننا چاڭجياڭ دەرياسى قىسقۇچپاقىسى قۇمچىقىنى سېتىۋالدى ھەم بىرىنچى ۋاقىتتا سۇ ئامبىرىغا قويۇپ بەردى. بۇ ماش چوڭلۇقىدىكى قىسقۇچپاقا قۇمچىقىنىڭ بېقىلىشى ئاددىي، ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، دەرۋەقە ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ مۇھىتىغا ناھايىتى ماسلاشتى. 

 قىسقۇچپاقىنىڭ ئاستا- ئاستا چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ۋاڭ فېي باشقۇرۇشقا ياردەملىشىشكە نەچچە ئىشچىنى تەكلىپ قىلدى، ئۆزى ھەر كۈنى قىسقۇچپاقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تۇردى. «بالامنىمۇ بۇنچە كۆڭۈل قويۇپ باقمىغانىدىم» دېدى ئۇ قىزىقچىلىق قىلىپ. 

 ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، بۇ يىل قىسقۇچپاقىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. يېشىل بېقىلغان چاڭجياڭ دەرياسى قىسقۇچپاقىسى بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن سودىگەر مال مەنبەسىنى «تالىشىش»قا كەلدى.

 ۋاڭ فېي بىر قىسقۇچپاقىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ كۆك دۈمبىسى، ئاق قورسىقى، سېرىق تۈكى، ئالتۇن رەڭلىك تىرنىقىنى كۆرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق تارازىنىڭ ئۈستىگە قويغاندا ئېغىرلىقى 250 گرام چىقتى. «قىسقۇچپاقىنىڭ سېتىلىشى ياخشى، ئۇ سېمىز ئەتلىك، گۆشى تەملىك بولۇپ، سېتىشتىن قىلچە غەم قىلمايمىز، نۆۋەتتە 2 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق» دېدى ئۇ.

 بېقىلغان چاڭجياڭ دەرياسى قىسقۇچپاقىسىنى تۇتۇش، سېتىش 8- ئايدا باشلانسا 10- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، مۇقىم بازار ئېھتىياجىمۇ ۋاڭ فېينىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە ئىشەنچ بېغىشلىدى. بۇ يىل ئۇ يەنە ئۈچ توننىدىن ئارتۇق چاڭجياڭ دەرياسى قىسقۇچپاقىسى قۇمچىقىنى ئارتۇق قويۇپ بەردى، نۆۋەتتە بۇ قىسقۇچپاقا قۇمچىقى مارالبېشىدا ماكانلاشتى. «مەن قىسقۇچپاقىنى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ساتىمەن» دېدى ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125