ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ
تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ھاۋا سوۋۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسى يەنە كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى تېز ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇش- بولماسلىقى ھەرقايسى تەرەپلەر ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. سانائەت كارخانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۆمۈر خام ئەشيا؛ ئاھالىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۆمۈر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى مەنبەسى.
شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەمىناتى كاپالەت بازىسى، شىنجاڭ كۆمۈرىنى قانداق قىلغاندا شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىپ دۆلەت ئىچى چوڭ بازىرىغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟
شىنجاڭ يېرى كەڭ، كۆمۈر بايلىقى مول، دۆلەتنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر تەمىناتى كاپالەت بازىسى.
ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قېلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلەت ئىچى چوڭ بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىق بىرقەدەر يىراق بولۇش رېئال چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، شىنجاڭ كۆمۈرىنى ئېچىشتا كۆپىنچە ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئاساس قىلىناتتى، شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىلىش مىقدارى بىرقەدەر ئاز ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى ھەم مەملىكەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلدى، «غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش» «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ۋە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەمدە كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋە كۆمۈردىن گاز ئېلىش قاتارلىق بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكىدىن تەدرىجىي ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلانماقتا، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆمۈرى دۆلەت ئىچى بازىرىغا كىرمەكتە.
شىنجاڭ كۆمۈرى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، سىرتقا توشۇلۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.
2017- يىلىدىن بۇرۇن، شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ يىللىق سىرتقا توشۇلۇش مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن 10 مىليون توننىدىن 15 مىليون توننىغىچە بولۇشنى ساقلاپ كەلگەنىدى. 2020- يىلىدىن كېيىن، كۆمۈرنىڭ سىرتقا توشۇلۇش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 2017- يىلىدىكى 9 مىليون 947 مىڭ توننىدىن ئېشىپ 2023- يىلى 60 مىليون 227 مىڭ توننا بولۇپ، ئالتە ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 2020- يىلى سىرتقا توشۇلۇش مىقدارى 20 مىليون توننىدىن ئاشقان ھەم يىل بويىچە ئېشىش مىقدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى نىشانى بىۋاسىتە 90 مىليون توننىغا ئۆستۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئەمەلىي توشۇش مىقدارىدىن تەخمىنەن 30 مىليون توننا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە 63 مىليون 810 مىڭ توننا تاماملىنىپ، پۈتۈن يىللىق نىشانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
بۇنچە كۆپ كۆمۈرنىڭ كۆپ قىسمى «بىر ئاساسىي گەۋدە، ئىككى قانات» تۆمۈريول لىنىيەسى ئارقىلىق شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلۇپ، مەنزىلى گەنسۇ، سىچۇەن، يۈننەن، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىن خۇبېي، خۇنەن، خېبېي قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە كېڭەيدى.
«بىر ئاساسىي گەۋدە، ئىككى قانات» تۆمۈريول لىنىيەسى دېگىنىمىز، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىنى ئاساسىي لىنىيە، لىنخې- قومۇل تۆمۈريولىنى شىمالىي لىنىيە، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولىنى جەنۇبىي لىنىيە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
«بىر ئاساسىي گەۋدە» لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىنى كۆرسىتىدۇ. لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارى يۈك توشۇش لىنىيەسىگە ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى ئاساسلىق توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئەمما، لىنىيەدە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت كۈچى كۈنسېرى جىددىيلەشتى، كېيىنكى مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ كۆمۈر توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ قالسا، لەنجوۋ- شىنجاڭ لىنىيەسىنى ئېغىر يۈك كۆتۈرۈشچانلىق بويىچە ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىشكە ياكى مەخسۇس ئېغىر يۈك كۆتۈرۈشچان يۈك تىرانسپورت تۆمۈريولى ياساشقا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كۆمۈر توشۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئىككى قانات ئاساسلىقى جەنۇب- شىمال ئىككى قاناتنى كۆرسىتىدۇ، «شىمالىي قانات» لىنخې- قومۇل لىنىيەسى، جياڭجۈنمياۋ- نوم لىنىيەسى، ئۈرۈمچى- جياڭجۈنمياۋ لىنىيەسىدىن تەركىب تاپقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شىمالىي قانات»نىڭ تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئۈرۈمچى- جياڭجۈنمياۋ لىنىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش، جياڭجۈنمياۋ- نوم لىنىيەسىنى يېڭىدىن ياساش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، تىرانسپورت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. «جەنۇبىي قانات» گولمۇد- كورلا لىنىيەسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يىل گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى.
شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتا يەنە بىر مۇھىم لىنىيە بار، ئۇ دەل خۇڭليۇخې- نوم تۆمۈريولى. بۇ تۆمۈريول لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى، جياڭجۈنمياۋ- نوم تۆمۈريولى ھەمدە لىنخې- قومۇل تۆمۈريولىنى تۇتاشتۇرۇپ، شىمالىي قاناتتىكى لىنىيە بىلەن لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارىسىدىكى مۇھىم ئالاقە تۈگۈنى بولۇپ قالدى. 9- ئايدا، خۇڭليۇخې- نوم تۆمۈريولىدا ئېلېكتىرلەشتۈرۈلۈپ قاتناش باشلاپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تىرانسپورت ئىقتىدارى 40 مىليون توننىدىن 60 مىليون توننىغا ئۆستۈرۈلدى.
تۆمۈريول تىرانسپورتىدىن باشقا، تاشيول تىرانسپورتىمۇ شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى مۇھىم تولۇقلىما.
شىنجاڭدا ئاساسلىقى شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇب ئۈچ يۆنىلىشتىكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان تاشيول لىنىيەسى بار، شىمالىي لىنىيە بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان G7 بېيجىڭ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئوتتۇرا لىنىيە شىنجاڭدىن شاڭخەيگىچە بولغان دۆلەت يولى 312- لىنىيەسى، ليەنيۈنگاڭدىن قورغاسقىچە بولغان G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، جەنۇبىي لىنىيە شىنجاڭدىن چىڭخەيگىچە بولغان دۆلەت يولى 315- لىنىيەسى ۋە G0612 لىنىيەسى شىنىڭ- خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەبلەغ سېلىپ ياسىغان كان تاشيولى − نوم- ليۇگوۋ تاشيولى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن «شىنجاڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش» تاشيول مەخسۇس لىنىيەسى بولۇپ، ھەر يىلى بىردەك زور مىقداردىكى كۆمۈر ئاپتوموبىل تىرانسپورتى ئارقىلىق شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلىدۇ.
قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كۆمۈرنى سىرتقا توشۇش شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئىزچىل پىلانلاپ كېلىۋاتقان مۇھىم قارالما. يىرىك پىلانغا ئاساسەن، شىنجاڭ قومۇل، شەرقىي جۇڭغار رايونىدىكى كۆمۈر مول توپلانغان رايونلارنى داۋاملىق چۆرىدەپ، ۋۇتۇڭشۇي- نوم تۆمۈريولى، جياڭجۈنمياۋ- نوم تۆمۈريولى 2- لىنىيەسى قاتارلىقلارنى ياسايدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىمالىي قانات تۆمۈريولىنىڭ چوڭ ئىقتىدارلىق لىنىيەسىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تېخىمۇ كۆپ تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)