ئۇلار قەدەملىرى ئارقىلىق ئەجدادلارنىڭ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى
10:59:09 2024-10-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قۇملۇقتا 89 كىلومېتىر پىيادە مېڭىش

 ئۇلار قەدەملىرى ئارقىلىق ئەجدادلارنىڭ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ما چۇنيەن

 «75 يىل ئىلگىرى، ئاتا- بوۋىلىرىمىز قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، 47- تۇەنگە كېلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان، ئۇلار بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، بۆلەك- بۆلەك مۇنبەت ئېتىز، بوستانلىقلارنى بەرپا قىلغان، ئۇلارنىڭ روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.» 10- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، بىڭتۇەن 13- نۆۋەتلىك شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلەر بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە «شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلىرى يولىدا قايتا مېڭىش» − تۇنجى نۆۋەتلىك تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈش بويىچە پىيادە مېڭىش رىقابەت مۇسابىقىسى كۇنيۈ شەھىرىدە باشلاندى، باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارغا بايراق بەرگەن بىڭتۇەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر پەرزەنتلىرى ۋەكىلى جاڭ سەييۈن شۇنداق دېدى.

 2012- يىلىدىن بۇيان، پېشقەدەم ئەسكەرلەر بايرىمى ئۇدا 13 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، بىڭتۇەن قىزىل ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىم داڭلىق ماركىسى بولۇپ قالدى، بۇ قېتىمقى «شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلىرى يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېما قىلىنغان قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش رىقابەت مۇسابىقىسى دەل پېشقەدەم ئەسكەرلەر بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى.

 «مەن ئەجدادلار بېسىپ ئۆتكەن يوللاردا مېڭىپ بېقىش ئارقىلىق، <شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش>تىن ئىبارەت پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى ھېس قىلىپ، ئۆز ساپايىمنى ئۆستۈرۈپ، لاياقەتلىك شاخەي يېڭى ئەسكەرلىرىدىن بولىمەن» دېدى 224- تۇەن ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ كوماندا ئەزاسى جاڭ يىنيىن سۆزلىگەچ كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىللە ئالدىغا قاراپ ماڭدى.

 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كەسپىي پىيادە مېڭىش ماھىرلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تارماقلىرى قاتارلىق 27 كوماندىدىكى 177 ماھىر پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە بولغان تولۇپ تاشقان ھۆرمەت بىلەن مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى − قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يالغۇز توغراق كەنتىگە جەم بولدى ھەم شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت كۈندۈز، ئۈچ كېچە داۋاملاشقان 89 كىلومېتىرلىق قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش رىقابەت مۇسابىقىسىدە، جىسمانىي كۈچ جەھەتتە بەسلىشىپ، سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، دوستلۇق ئورنىتىپ، قۇم دېڭىزىغا قەدەم قويۇپ، ئەجدادلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، يۇرت- ماكانىنى قۇرۇشنىڭ جاپا- مۇشەققىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

 ئەمدىلا قۇملۇققا كىرگەندە، ماھىرلارغا ئازادە، كۆڭۈللۈك بىلىندى، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن توغراقلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ «مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەيدىغان، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدىغان، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدىغان»لىقىغا، قەھەتچىلىك، ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىپ، قۇم- بورانغا تاقابىل تۇرۇپ، قۇملۇقتا يىلتىز تارتىپ ئۆسىدىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى. توغراقلار شۇنداق، بىڭتۇەندىكى ئەجدادلارمۇ ئەنە شۇنداق. 

 پىژغىرىم ئىسسىقتا، قۇملۇق يولدا مېڭىش تەس ئىدى، مېڭىۋاتقان جايلارنىڭ ھەممىسى كۆز يەتكۈسىز قۇم دېڭىزى ئىدى، سەھەردە كىيگەن قېلىن كىيىملەر ئېغىر تۇيۇلۇشقا، ماھىرلارنىڭ قەدەم ئېلىشى تەسلىشىشكە باشلىدى، قۇملۇقتا پىيادە مېڭىشنىڭ جاپا- مۇشەققىتى ۋە زېرىكىشلىكلىكى ئۇلار يۈزلەنمىسە بولمايدىغان سىناق ئىدى.

 «گەرچە بۇ قېتىمقى قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىنىڭ سىجىللىقى زور بولسىمۇ، لېكىن ھېلىمۇ ياخشى بىللە ماڭىدىغان ھەمراھلار بار، ھەربىر كىچىك كوماندىغا يەنە كەسپىي يول باشلىغۇچى سەپلەندى، بىر كوماندىدىكى سەككىز ئادەمنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئىش تەقسىماتى بار، كوماندىنى باشلاپ بايراق كۆتۈرۈپ ماڭىدىغانلار، ماددىي ئەشيالارنى يۈدۈپ ماڭىدىغانلار، جىددىي قۇتقۇزۇش، داۋالاش- پەرۋىشكە مەسئۇللار بار.» كۇنيۈ شەھەر قۇرۇلۇشى سېلىنما تىجارەت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى گو لىنشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇسابىقە جەريانىدا، كۆپچىلىك ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بەردى، يولدا بەزىلەرنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى يېتىشمىگەندە، بىر- بىرىگە ئىلھام بېرىپ، بىر- بىرىنى يۆلەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، بەزىدە يەنە ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىپ، بىر- بىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مەدەت بەردى.

 تۇنجى كۈنىدىكى پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىدە، گو لىنشېڭنىڭ كىچىك كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى. 2- كۈنىدىكى پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىدە، گو لىنشېڭ كىچىك كوماندىسىدىكى بىردىنبىر ئايال كوماندا ئەزاسى لى چۇنخۇا ئالقىشلىق چېمپىيون نەتىجىسىگە ئېرىشتى.

 لى چۇنخۇا بۇ يىل 51 ياشقا كىردى، ئۇ ئادەتتە پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق تەنھەرىكەتلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، بەدەن ساپاسى ناھايىتى ياخشى. بۇ قېتىمقى پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىدە ھەر كۈنى 20 نەچچە كىلومېتىر يول مېڭىشقا توغرا كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇملۇق يەر شەكلى بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇتى قاناپ قاپىرىپ كەتتى.

 «مەن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم، كوماندا ئەزالىرى ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلدى، سومكامنى تالىشىپ كۆتۈرۈشۈپ بەردى، يېمەكلىكلەرنىمۇ ئاۋۋال ماڭا بەردى، ئۇلارنىڭ پۇتىمۇ قاناپ قاپىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى بەرداشلىق بەردى، مېنىڭمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالغۇم يوق. بولۇپمۇ ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىز پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى، ئەينى چاغدا بىر يۇتۇم سۇ ئىچىشنىڭمۇ ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا، بۇنچىلىك قىيىنچىلىق ماڭا ھېچقانچە بىلىنمىدى، چوقۇم ئاخىرقى نۇقتىغىچە مېڭىپ بارىمەن» دېدى لى چۇنخۇا قەتئىيلىك بىلەن.

 كېچە قاپقاراڭغۇ، قۇملۇقتا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ ئىدى. ماھىرلار قۇملۇقتا لاگېر قۇرۇپ، گۈلخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قوي گۆشى كاۋىپى پىشۇرۇپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، «تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش» ئويۇنى ۋە ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، ئەتراپتىكى يېزا- بازارلاردىكى كەنت ئاھالىلىرىمۇ يىغىلىپ كېلىپ ئويۇن كۆردى، بەزىلىرى يەنە ئۆزلىرى ئۆستۈرگەن ئۈزۈم، ئالمىلارنى ئېلىپ كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا ئەزالىرىنى ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلدى.

 «پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، شاد- خۇراملىققا چۆمۈپ، گۈزەل كېچىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق.» قاراقاش ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى جاڭ شياۋيەن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەن ۋە سەپداشلىرىم كۆپچىلىككە «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق مىللەتلەر ئۇسسۇلىنى تەييارلىدۇق، جۇشقۇن ئۇسسۇل باشلىنىش بىلەنلا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

 نۇرغۇن ماھىرنىڭ تۇنجى قېتىم قۇملۇقتا دالىدا قونۇشى بولغاچقا، ئۇلارمۇ نەق مەيداندىكى شاد- خۇراملىق كەيپىياتتىن تەسىرلەندى.

 «مۇسابىقىگە تىزىملىتىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپلا ناھايىتى قىزىقتىم، ئەجدادلار بېسىپ ئۆتكەن يولدا قايتا مېڭىپ، ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن جاپا- مۇشەققەتلەرنى ھېس قىلىپ، ئۆزۈمنى بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەشكە ئاگاھلاندۇردۇم.» بېيجىڭدىن كەلگەن ماھىر يۈ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىدە، مەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ھېس قىلدىم، شىنجاڭنىڭ باشقىچە بىر خىل جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدىم.

 گۈلخان كېچىلىكىدە، ماھىر ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ خوتۇنى زۇلپىيە ئەلى ئالايىتەن كېلىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. بۇ يىل، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن كېرىيە ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ بېيجىڭغا پىيادە بېرىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەنىدى.

 «بۇ يىل بېيجىڭغا پىيادە بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى كۆرۈش بىلەن مەن نۇرغۇن مەستانىگە ئىگە بولدۇم، مۇسابىقىدە مەستانىلىرىم ماڭا نۇرغۇن ئىلھام ۋە مەدەت بەردى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مەنمۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئازراق تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىڭتۇەن پېشقەدەم ئەسكەرلىرىنىڭ ھېكايىسى ۋە پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى بىلدۈرىمەن» دېدى ئوسمانجان تۇرسۇن.

 مۇسابىقە جەريانىدا، جەمئىي 400دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم كاپالەت مۇلازىمىتىگە قاتناشتى، مۇسابىقىنىڭ ھەر كۈنلۈك مېڭىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسىدە ئون تەمىنات نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، ماھىرلارنىڭ ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا ۋە زۆرۈر بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىندى، پۈتكۈل مۇسابىقىدە جەمئىي 17 چارلاش ئاپتوموبىلى، 14 قۇملۇق قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش موتوسىكلىتى، بەش قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ھەمدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەت ئاپتوموبىلىدىن 80 نەچچىسى ئىشقا سېلىنىپ، ماھىرلارنىڭ ئەندىشىسى تۈگىتىلدى.

 10- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ماھىرلار مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى − بىڭتۇەن 14- شى 47- تۇەن مەركىزىي مەيدانىغا ئارقا- ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.

 «مەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، چۈنكى كوماندىمىز مۇسابىقىدە بىرىنچى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ كۆرگىنىمىز جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە مۇنارى بولدى.» 11- شى قۇرۇلۇش پولات قوشۇنى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى فۇ خۇڭۋېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى قۇملۇق سەپىرىدە قۇملۇقتا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ئەجدادلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھىدىن تەسىرلىنىپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

 ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ماھىرلار تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر قەبرىستانلىقىدا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەم پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئۆتىڭىگە بېرىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 «89 كىلومېتىرلىق قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش سەپىرى بىر قېتىملىق ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بېرىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆزگىرىش ھەمدە پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ مەدھىيە ناخشىسى.» 14- شى 47- تۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تەن جۈنۋېن مۇنداق بىلدۈردى: پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلغار مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاساسنى پۇختىلاش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق پېشقەدەم ئەسكەرلەرنى خاتىرجەم قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125