10- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ تولى يېزىسى ۋۇشىچېڭ كەنتىدىكى تۆگىقۇش باقمىچىلىق رايونىدا باقمىچى، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىسى ليۇ مىڭجۇڭ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
بۇ يەردە ساغلام، تېنى قاۋۇل، پەيلىرى قويۇق بىر توپ تۆگىقۇش قاشا ئىچىدە بەخىرامان ھالدا ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتاتتى. كىشىلەرنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلار ئۇزۇن بوينىنى سوزۇپ، كىشىلەرگە ئەگىشىپ ئۇياق- بۇياققا ماڭاتتى ھەمدە پات- پات ئەتراپقا قاراپ، قاناتلىرىنى قېقىپ قوياتتى.
ليۇ مىڭجۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ جۇغى چوڭ بولغىنى بىلەن ئوت- چۆپنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ، باشقا چارۋا، ئۆي قۇشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، باقمىچىلىق تەننەرخى تۆۋەن، ئاسان ئەي بولىدۇ، ئۆسۈشى تېز، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك».
بۇ تۆگىقۇش باقمىچىلىق رايونى تولى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ۋۇشىچېڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، باقمىچىلارنىڭ قۇرۇلۇشقا ئائىت ئېھتىياجىنى توپلاش ئارقىلىق نۇقتىلىق قۇرغان باقمىچىلىق قوتىنى ۋە ئالاقىدار يانداش قۇرۇلۇشلار سەپلەنگەن خاس باقمىچىلىق رايونى.
ھازىر كۆلىمى تەخمىنەن ئون مو كېلىدىغان بۇ خاس باقمىچىلىق رايونىنى ليۇ مىڭجۇڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىسى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىپ، 700گە يېقىن تۆگىقۇش باقتى.
ليۇ مىڭجۇڭ نېمىشقا تۆگىقۇش بېقىشنى تاللىغان؟ ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بېقىش ئۇسۇلى ئاددىي بولغاندىن باشقا، تۆگىقۇشنىڭ گۆشى، تۇخۇمىنى يېگىلى بولىدىكەن، تېرىسى ۋە پەيلىرىنىڭ قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى گۆھەر ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆگىقۇش باقمىچىلىقى تۈرىدە ئۈرۈمچىدە بەلگىلىك بازار بوشلۇقى بولۇپ، ئىستىقبالى پارلاق ئىكەن.
باقمىچىلىق رايونىدا تۆگىقۇشنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقان ۋۇشىچېڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ بىن ليۇ مىڭجۇڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قەدىمىنى توختىتىپ، تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: تۆگىقۇشنىڭ يۈگۈرۈشكە ماھىر، ئۆزگىچە تاشقى قىياپىتى ۋە شوخ مىجەزىمۇ كەنتنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
تۆگىقۇش بېقىشنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانىكەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇنىڭغا قاتنىشىشقا يېتەكلىگىلى بولدىمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا ۋۇشىچېڭ كەنتى كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىش، مەركەزلىك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىگە تۆگىقۇشنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۆگىقۇش بېقىش ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىىشكە يېتەكلەپ، خاس باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، بېيىش يېڭى يوللىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
بۇ، تۆگىقۇش باقمىچىلىق رايونىدا ئىش قىلىۋاتقان دېھقان لى چاڭفۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
«بۇ يەردە ئىشلىسەك، تۆگىقۇشنىڭ قىممىتىنى بىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنىمۇ ئۆگىنىۋالالايدىكەنمىز، ھەر ئايدا يەنە 3500 يۈەن مائاش ئالىمىز، تۆگىقۇش بېقىش توغرا تاللاشتۇر». تۆگىقۇش باقمىچىلىق رايونىدا ئېرىشكەن ھاسىلاتىنى تىلغا ئالغاندا، لى چاڭفۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
ئۆزگىرىش بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ۋۇشىچېڭ كەنتى ئۆزىنىڭ رايون ئورنى، بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تۆگىقۇش باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېڭى پىلان تۈزدى.
لۇ بىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى مەزگىلدە كەنتىمىزنىڭ ھازىر بار دالىدا قونۇش ئورنى، كىچىك مەيدان قاتارلىق ساياھەت ئامىللىرى ۋە مۇشۈتەي مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆگىقۇش سەيلە- تاماشا باغچىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، خاس كەسىپلەرنى دېھقان- چارۋىچىلارغا تېخىمۇ كۆپ كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى)