شىنجاڭدا بۇ يىلقى 100- قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىدى
12:13:33 2024-10-28 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

10- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 21:55تە Y932 نۆۋەتلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، بىر قىسىم يولۇچىلار سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ ۋاگونلىرىنىڭ ھەممىسى كارىۋاتلىق قىلىپ لايىھەلەندى.

ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا راھەت سافالار سەپلەندى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋىرى، فوتوسى)

 10- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 21:55تە Y932 نۆۋەتلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقىنىڭ بۇ يىلقى 100- قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 جياڭسۇ، گۇاڭشى، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ 12 كۈنلۈك جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىنى باشلىدى، ئۇلار تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۆزگىچە، خاس تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ھېس قىلىدۇ.

 شۇ كۈنى ئارتىسلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالدى. شاڭخەيدىن ئېرى بىلەن بىللە كەلگەن ساياھەتچى شى جىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭلىقلار ناھايىتى قىزغىن ئىكەن، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىمالىي شىنجاڭغا بارغانىدىم، بۇ قېتىم مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆرمەكچىمەن. بىز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ مۇزېيىغا باردۇق، مۇزېيدىكى ھەر بىر كۆرگەزمە بۇيۇمى خۇددى بىر ئاچقۇچقا ئوخشاش بىزنىڭ شىنجاڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىشىكىمىزنى ئاچتى».

 72 ياشلىق شەن يۈمېيمۇ شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كۈندۈزى پويىزدىن چۈشۈپ ساياھەت قىلىپ ئويناپ، كەچتە پويىزغا چىقىپ ئارام ئالساق چارچىمايدىكەنمىز، بۇرۇنقىدەك يۈك- تاقلارنى سۆرەشتۈرۈپ، نەگىلا بارساق مېھمانخانا ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، بۇنداق ساياھەت ياشانغانلارغا بەك ماس كېلىدىكەن».

 مۇخبىر ۋاگون ئىچىنىڭ، ئاساسلىقى، قېنىق رەڭلىك ياغاچ ماتېرىيالىدا بېزەلگەنلىكىنى، يەنە مەيخانا تەسىس قىلىنغانلىقىنى، راھەت سافالار سەپلەنگەنلىكىنى، ئۈستەلگە مېۋە- چېۋە ۋە ئىچىملىكلەر تىزىلغانلىقىنى كۆردى. يولۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى سەپەر قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ ھەممە ۋاگونىنى كارىۋاتلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، پويىزدىكى ئاشپەزلەر مەخسۇس قورۇما تىزىملىكى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئېسىل قورۇمىلىرىنى تەييارلىدى، تەجرىبىسى مول پويىز خادىملىرى، ساياھەت يېتەكچىسى ۋە داۋالىنىش كاپالىتى خادىملىرىنى سەپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەسلىدىكى 15 كۈنلۈك جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ چوڭ ئايلانما لىنىيەلىك ساياھەت مەھسۇلاتى ئاساسىدا «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش»، «شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريالىرىنى تاماشا قىلىش»تىن ئىبارەت يەتتە كۈنلۈك كىچىك ئايلانما لىنىيەلىك ئېسىل ساياھەت مەھسۇلاتىنى يولغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساياھەتچىلەرنىڭ خاسلاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت- تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ساياھەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئايروپىلاندىن چۈشكەن يولۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى كۈتۈۋېلىش، يول بويى شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىتقۇزۇش، مەنزىرە رايونلار ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق يېقىشلىق مۇلازىمەتلەرنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇردۇق.

 شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» داڭلىق ماركىسىنى سىجىل يارىتىپ، «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى»، «تىيانشان» ناملىق پويىز، «تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھىتى» قاتارلىق دەرىجىلىكلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىنىڭ داۋاملىق قىزىشىغا كۈچ قوشتى. ساياھەت مەخسۇس پويىزىدا «پويىز + ئاپتوموبىل بىر پونكىت شەكلىدە يېتىپ بېرىش»تەك سەپەر قىلىش شەكلى قوللىنىلدى، پويىز ئادەمگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئادەم ساياھەت قىلغاندا پويىز توختاش، پويىز مەنزىرىگە ئەگىشىپ قاتناش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، سەپەر قىلىش ۋاقتى تېجىلىپلا قالماي، سەپەر قىلىش تەننەرخىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ساياھەت مەخسۇس پويىزى جەمئىي 100 قېتىم قاتنىدى، قاتنىغان پويىزلار ئىچىدە 31ى «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» ساياھەت مەخسۇس پويىزى، 12سى «تىيانشان» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى، 15ى تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى بولۇپ، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 50 مىڭ (قېتىم)دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 100 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز كۈتۈۋالغان ساياھەتچىدىن 3000 (قېتىم)غا يېقىن كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125